دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-11-16 19:18:44

چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چېن چۈەنگو خوتەن شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ، باغچە رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 14 - كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو خوتەن ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، جاسارەت بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

چېن چۈەنگو خوتەن شەھەرلىك ئالىي تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىگە كېلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش ئەندىزىسى، مائارىپ ئوقۇتۇشى، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بازارغا زىچ يېقىنلىشىپ، ساھەگە زىچ يېقىنلىشىپ، كەسىپكە زىچ يېقىنلىشىپ، يېتىشتۈرۈش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، مەكتەپ بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەمكارلىقىنى زورايتىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئوقۇتۇشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى ساپالىق ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

خوتەن شەھىرىدىكى توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك كەسىپلەر باغچىسى ۋە قاراقاش ناھىيەسىدىكى كەسىپ بىلەن شەھەرنىڭ يۇغۇرۇلما ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا، چېن چۈەنگو كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلىشىپ، باغچە رايونلىرىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش - تىجارىتى، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن كارخانىلارنى زورايتىش، كۈچەيتىش، ئەلالاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل مۇقىم ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

خوتەن شەھىرى دېرۇن مائارىپ باغچە رايونىدا، چېن چۈەنگو دەرسخانا، ئاشخانا، ياتاق قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: مائارىپ ئىشلىرىنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق رازى بولىدىغان مائارىپنى ياخشى يولغا قويۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش تۈپ ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش شەكلىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مائارىپ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، يېڭىلىق يارىتىش روھى، ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتلەردە ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك.

خوتەن ناھىيەسىنىڭ خانئېرىق بازىرى داۋشياڭ كەنتىدە، چېن چۈەنگو كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرى، يېزا - كەنت كادىرلىرى ۋە ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى يۈزتۇرا تەشۋىق قىلدى، ئاساسىي قاتلام بازا قۇرۇلۇشى، خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە تارىخىي تەجرىبىلەرنى مۇقىملىق، تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ تېخىمۇ گۈزەل يېڭى تۇرمۇش يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىش كېرەك. ئابدۇخالى مەمەت ۋە غەيرەت روزىمەمەتنىڭ ئۆيىدە، چېن چۈەنگو ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنى تىرىشچانلىقى، ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ، كۈنلىرىنى بارغانسېرى خۇشال - خۇرام ئۆتكۈزۈشكە، بارغانسېرى بەختلىك بولۇشقا ئىلھاملاندۇردى. چېن چۈەنگو يەنە ئېتىز باشلىرىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۈزگى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاشلىق ۋە يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى قىلچە بوشاشماي چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتنى ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى پۇرسەت، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تىرىشىپ تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش كېرەك. ئومۇمىي يىغىن روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، كۈچلۈك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن ئومۇمىي يىغىن روھىنىڭ ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر سىڭىشى، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەر ۋە ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى زور كۈچ بىلەن كاپالەتلەندۈرۈپ، ياخشىلاپ، تۈرلۈك ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل، چوڭقۇر، ياخشى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىننى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا پائال يېتەكلەش كېرەك. نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ياخشى ھالدا تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئاساسلىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرنى ئىلمىي، ياخشى پىلانلاش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش