دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

​خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-09-22 12:59:07

چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن چۈەنگو مارالبېشى ناھىيەسىدىكى سانائەت باغچە رايونىغا كېلىپ، كارخانىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ھەم ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى


ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ تۇڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو قەشقەر ۋىلايىتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۆجۈملەشكەن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار باغچە رايونى قاتارلىق جايلاردا، چېن چۈەنگو كىيىم - كېچەك، يىپ ئېگىرىش، رەخت توقۇش، چاچ بۇيۇملىرى قاتارلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا بېرىپ، ئىشلەپچىقىرىش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، كارخانا مەسئۇللىرى ۋە ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن يۈزتۇرا پاراڭلىشىپ، خاس كەسىپلەر تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. مەۋقەنى ئەۋزەل بايلىقلارغا قويۇپ، خاس كەسىپلەر ئارقىلىق ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەقىقىي تۈردە كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈش، كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىلەن تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈش، بىر - بىرىنى تولۇقلاش كېرەك.

مارالبېشى ناھىيەلىك تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئائىلە مۇلازىمىتى، يېمەك - ئىچمەك، ھۆسن گۈزەللەشتۈرۈش، چاچ گۈزەللەشتۈرۈش، قوغۇن - تاۋۇز، كۆكتات تېرىقچىلىقى، چارۋا باقمىچىلىقى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى، چوڭ تىپتىكى ماشىنا مەشغۇلاتى قاتارلىق ماھارەت ئىش تۈرلىرى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى. چېن چۈەنگو ئەمەلىي مەشىق سېخىغا كىرىپ، مائارىپ ئوقۇتۇشى، ماھارەت تەربىيەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: دېھقانلارنىڭ ئېھتىياجى ۋە بازار ئەمەلىيىتىدىن چىقىش قىلىپ، تەربىيەلەش مەزمۇنىنى كېڭەيتىپ، تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، قاراتمىلىقى، قوللىنىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ بىرەر ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش، سىجىل كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشۇش كېرەك.

ئاناكۆل يېزىسى غولمەھەللە كەنتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان گۈل - گىياھ، گىلاس ئۆستۈرۈش ۋە يېزا - كەنت ساياھىتىنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمىنى 12 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزدى. چېن چۈەنگو كەنت پارتىيە ئەزالىرى - ئامما مۇلازىمەت مەركىزى، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش ئورنى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كەنتتە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق ئەترەت ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى قاتارلىقلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى، دېھقانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، دېھقانلارنى كەسىپ قوشۇلما قىممىتى پايدىسىدىن تېخىمۇ كۆپ بەھرىلەندۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يۇرتداشلارنى زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، چىن قەلبى، چىن ھېسسىياتى، پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بېجىرىپ، ئەمەلىي بېجىرىپ، «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان» مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

كەنت ئاھالىسى ئابدۇرېھىم روزىنىڭ ئۆيىدە، چېن چۈەنگو بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش، ئائىلە كىرىمى، داۋالىنىش، ئوقۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى سەمىمىي سورىدى. ئابدۇرېھىم روزىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ناھىيە تەشكىللىگەن تەربىيەلەشتە ئۆگەنگەن قۇرۇلۇش ئىشچىسىلىق ماھارىتىگە تايىنىپ كەنتتە قۇرۇلۇشنى ھۆددىگە ئېلىپ ئۆي سالىدىكەن، خوتۇنى ئۆيدە دېھقانچىلىق قىلىدىكەن، ئۈچ بالىسىنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدىكەن، ئائىلىسىنىڭ يىللىق كىرىمى 60 مىڭ يۈەندىن ئاشىدىكەن. چېن چۈەنگو بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى، ئۇلارنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقى، ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ كۈنلىرىنى تېخىمۇ شېرىن ئۆتكۈزۈشىگە، تېخىمۇ ئىستىقباللىق بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

چېن چۈەنگو يەنە مارالبېشى ناھىيەسىدىكى ھېيتگاھ مەسچىتىگە بېرىپ، نەق مەيداندا دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، دىن ساھەسىدىكى كەڭ زاتلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، توغرا يولدا قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەر مىللەت ئاممىنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

چېن چۈەنگو تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، گۈزەل، ياشاشقا باب كېلىدىغان، كەسىپلەر گۈللەنگەن، كىشىلەر ئىناق ئۆتىدىغان سوتسىيالىستىك يېڭى يېزا - كەنت قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، زورايتىپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈپ، زورايتىپ، ئەمگەك كۆجۈملەشكەن كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزىلار، دېھقانلارغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈش كېرەك. يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، «تۆتنى توختاتماسلىق»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە كۆزىتىش - ئۆلچەش ۋە ياردەم بېرىش - يۆلەش تۈزۈم - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېزا - كەنت كەسىپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. خەلق تۇرمۇشى ئەمەلىي ئىشلىرىنى كۈچەپ ياخشى قىلىپ، خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى مۇستەھكەملەپ، كۈچەيتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دىننىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم جەمئىيىتىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن لى نىڭپىڭ قاتارلىقلار بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش