دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«شەمشەر»نى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، رەزىللەرنى باستۇرۇپ، ئالۋاستىلارنى يوقىتىش​
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-08-02 10:53:07

− «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت» قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى توغرىسىدا (1)

قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى دالىدا مەشىق قىلماقتا. □ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جوۋ پېڭ فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى گو لىڭ، ۋاڭ نا

ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىگە 31 قېتىم قاتنىشىپ، ئىككى قېتىم كوللېكتىپ 1 - دەرىجىلىك خىزمەت كۆرسەتتى دەپ ئەنگە ئېلىندى... قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ بىرىنچى سېپىنى ساقلاپ، دۈشمەنگە قارشى دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، رەزىللەرنى باستۇرۇپ، ئالۋاستىلارنى يوقىتىپ، ھايات - ماماتىغا قارىمىدى، ھېچنېمىدىن قورقمىدى. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا بۇيرۇق ئىمزالاپ، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى مەلۇم جىدۇڭ تارماق ئەترىتى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىگە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى زەربىدار ئوتتۇرا ئەترەت» دەپ شەرەپلىك نام بەردى. 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ئوتتۇرا ئەترەتكە ئۆز قولى بىلەن لەۋھە تارقىتىپ بەردى.

بۇ قانداق قىسىم؟ بۇ قىسىمنىڭ باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشىدىغان قانداق ئارتۇقچىلىقى بار؟ كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان قانداق جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن؟ يېقىندا، ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى بۇ قەھرىمان قىسىمغا بېرىپ، شان - شەرەپ قازىنىشنىڭ ئارقىسىدىكى ھېكايىلەر ئۈستىدە ئىزدەندى.

ھايات - ماماتلىق ئېلىشىشتا قەتئىي چېكىنمىدى

7 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مەلۇم جايىدا ھاۋا ئىنتايىن ئىسسىپ كەتكەنىدى. ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ بىر مەيدان قوغلاپ يوقىتىش جېڭى مانېۋىرى جىمجىتلا باشلاندى.

مانېۋىردا جىداۋيۈەن ۋاڭ شياۋزېنىڭ بىرنەچچە ئاددىي قول ئىشارىسى قىلىشى بىلەن، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر خۇددى ئېتىلغان ئوقتەك كەسكىن ھۇجۇمغا ئۆتتى، ئېگىز بىناغا يوشۇرۇنۇۋالغان «زوراۋان - تېررورچى»لار بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى يىقىلدى، جەڭ غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئارقىدىنلا ئۆتكۈزۈلگەن خۇلاسىلەش، ئۆزىنى تەكشۈرۈش يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۇ بىر ئېغىز، بۇ بىر ئېغىزدىن سۆز قىلىپ بۇ قېتىمقى مانېۋىر مەزمۇنى ھەققىدە قايتا ئويلاندى، يەكۈنلىدى، مۇكەممەللىككە يېقىنلاشقان تەپسىلاتلاردىن كۆپچىلىك بىرمۇنچە يېتەرسىزلىكلەرنى تېپىپ چىقتى ھەم مۇناسىپ ئۆزگەرتىش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«جەڭ مەيدانىنىڭ ئەھۋالىدا ھەرقاچان ئۆزگىرىش بولۇپ تۇرىدۇ، بىز جەزمەن ھەربىر ئىنچىكە ھالقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەربىر تۈرنى قاتتىق، پۇختا مەشىق قىلىپ، قولىمىزدىكى قوراللارنى ئىشلىتىشكە پىششىق، ماھىر بولساق، ئاندىن جەڭ مەيدانىدا خەتەرلىك ئەھۋالغا تەمكىنلىك بىلەن تاقابىل تۇرالايمىز.» ۋاڭ شياۋزې ئۇلاپلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئەمەلىي جەڭ مىسالىدىن بىرنى سۆزلەپ بەردى.

مەلۇم يىلى 2 - ئاينىڭ بىر كۈنى سەھەردە، بەش زوراۋان - تېررورچى زوراۋانلىق قىلغاندىن كېيىن قېچىپ يېزىدىكى بىر ئاھالىنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالدى.

بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىنىڭ ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ۋاڭ گاڭ ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئاتلاندى.

«3، 2، 1، ھۇجۇم!» «تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش» قول ئىشارىسى بېرىلىش بىلەن، ۋاڭ گاڭ سەكرەپ بىرنى تېپىپلا ئىشىكنى ئېچىپ، زوراۋان - تېررورچىلار يوشۇرۇنۇۋالغان ئۆيگە تۇنجى بولۇپ بۆسۈپ كىردى. ئويلىمىغان يەردىن، ئىشىك ئېچىلغان ھامان زوراۋان - تېررورچىلار بىر قول بومبىسىنى ئاتتى. ۋاڭ گاڭ تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ، زەربىدارلار ئەترىتىنىڭ ئىككى ئەزاسىنى باشلاپ دەرھال چېكىندى.

يەنە بىر قېتىم ئوت كۈچى بىلەن باسقاندىن كېيىن، ۋاڭ گاڭ ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ يەنە بىر قېتىم بۆسۈپ كىردى. ئۇلار ئۆيمۇئۆي ئاختۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىدىكى بىر نەچچە ئۆيدىن ھېچنېمىنى بايقىمىدى، نەق مەيداندىكى كەيپىيات بىردىنلا جىمىپ كەتتى، ۋاڭ گاڭنىڭ يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ قالغاندەك بولدى.

دۈشمەن يوشۇرۇن، بىز ئاشكارا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تۇيۇقسىز، ئەڭ ئىچىدىكى بىر ئۆيدىن ئاۋاز ئاڭلاندى، ۋاڭ گاڭ كۆپ ئويلاشقا ئۈلگۈرمەي، دەرھال ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ ئىشىككە قارىتىپ ئوق چىقاردى. ئاخىرىدا تۆت زوراۋان - تېررورچى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، بىرى بويسۇندۇرۇلدى، ئىككى ئوۋ مىلتىقى، توققۇز پاي ئوق، ئىككى قول بومبىسى، 20 كىلوگىرام پارتلىتىش دورىسى قولغا چۈشۈرۈلدى.

كۈرەش قىلىش ئىرادىسى چېنىقتۇرۇلۇپ، كۈرەش قىلىش پەزىلىتى تاۋلاندى. ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۈركۈم - تۈركۈم ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋاڭ گاڭغا ئوخشاشلا دۈشمەننى يېڭىپ غەلىبە قىلىشتەك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەتنى يېتىلدۈرۈپ، تۈرلۈك خەتەرلىك ناچار مۇھىتتا زوراۋان - تېررورچىلار بىلەن جان تىكىپ ئېلىشتى، ھەربىر مەيدان قانلىق كۈرەش سىناقلىرىدا يېڭى دەۋر ئىنقىلابىي ھەربىيلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە غەيرىتى تاۋلىنىپ چىقتى.

شەمشەر قىنىدىن سۇغۇرۇلسا ھېچقانداق كۈچ تەڭ كېلەلمەيدۇ

مەلۇم يىلى 9 - ئايدا، نەچچە ئون زوراۋان - تېررورچى ئاممىنى ئېچىنىشلىق چاناپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. بۇ زوراۋانلار رەزىل، مەككار بولۇپ، يەر شەكلىنى پىششىق بىلەتتى، ئۇلاردا قورال - ياراغ، ئوق - دورا بار بولۇپ، ئەگەر ئۇلارنى ۋاقتىدا قوغلاپ يوقاتمىغاندا، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.

ۋەقە يۈزبەرگەن رايون ئوتتۇرا ئەترەت تۇرۇشلۇق جايدىن 1000 كىلومېتىر يىراقلىقتا بولۇپ، بۇيرۇقنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا ئەترەت باشلىقى ليۇ لىن ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ كېچىلەپ جىددىي ياردەمگە ئاتلىنىپ، باشقا بىر تەرەپ قىلىش قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلدى.

ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ھەربىر ئوفىتسېر - ئەسكەر 30 كىلوگىرامدىن ئارتۇق يۈك - تاقنى يۈدۈپ، قەھرىتان سوغۇققا قارىماي، چۆل - باياۋاندىن كېسىپ ئۆتتى، مۇز دەريادىن ئۆتتى، قارلىق تاغقا ياماشتى، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۈچ جۈپتىن ئۇرۇش ئۆتىكى يىرتىلىپ كاردىن چىقتى، قورسىقى ئاچقاندا قۇرۇق نان يېدى، ئۇيقۇسى كەلگەندە تاشلاندۇق قوتاندا ئۇخلىدى، ئۇلار جىلغىلارنى، تاغ ئۆڭكۈرلىرىنى بىر - بىرلەپ ئاختۇرۇپ، ھېچقانداق يىپ ئۇچىنى قولدىن بەرمىدى.

ئىزدەش چەمبىرىكى بارغانسېرى تارىيىپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ تۇرار جايى تەلتۆكۈس ئاشكارىلاندى، ئۇلار تىك ياردىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى. نەسىھەت قىلىش ئۈنۈم بەرمىگەن ئەھۋالدا، بىر تەرەپ قىلىش قوشۇنى شىددەتلىك ھۇجۇم قىلدى. زوراۋان - تېررورچىلار تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىپ، قولىغا قىڭراق ئېلىپ قوشۇنغا ئېتىلدى.

ليۇ لىن ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى باشلاپ شىمال تەرەپتىن ئوققا تۇتۇپ، ئۇدۇلدىن تۇيۇقسىز زەربە بېرىدىغان بىر تەرەپ قىلىش قوشۇنى بىلەن پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەمكارلىشىپ، زوراۋان - تېررورچىلارنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتى.

ئۇرۇش ئوتلىرىنى كەينى - كەينىدىن باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قاتتىق جەڭ قىلىشقا ماھىر بولۇش، مۈشكۈل جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈردى، ئۇلار خۇددى شەمشەرگە ئوخشاش بولغاچقا، زوراۋان - تېررورچىلار شەپىسىنى ئاڭلىسىلا قورقۇپ ئەس - ھوشىنى يوقىتاتتى. «ئوتتۇرا ئەترەتتە، شوپۇر، ئاشپەز، سەھىيە خادىملىرىنىڭ ھەممىسى جەڭچى، ھەر ۋاقىت بىرىنچى سەپكە چىقالايدۇ» دېدى ۋاڭ شياۋزې.

مەلۇم يىلى يازدا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى مەلۇم شەھەردە بىر مەيدان پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا تۇراتتى، زوراۋان - تېررورچىلار پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بىگۇناھ ئاممىنى قالايمىقان چاناپ ئۆلتۈردى. ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بىر ئورمانلىقتا جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىۋاتقان زوراۋانلارنى بايقىدى، ئاشپەز ۋاڭ چېڭلىن تاغدىن چۈشكەن يولۋاستەك ئۇلارنى كەسكىن ئوققا تۇتتى.

يەنە بىر مەيدان جەڭدە، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەقە يۈزبەرگەن جايغا يېتىپ بارغاندا، بىرنەچچە زوراۋان - تېررورچى قوللىرىغا قىڭراق ئېلىپ بىگۇناھ ئاممىنى قوغلاپ يۈرۈپ چېپىۋاتاتتى. شوپۇر شى شياۋجۈن ئوڭ تەرەپتىن بىر زوراۋاننىڭ ئېتىلىپ چىقىپ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنى قىڭراق كۆتۈرۈپ چېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كەسكىن ھالدا ئالدىغا ئېتىلىپ بېرىپ، تېزلىكتە ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلدى.

سىناققا يۈزلىنىپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، خېيىم - خەتەر ئالدىدا ھېچنېمىدىن قورقمىدى. شى شياۋجۈن كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداپ، سەپداشلىرىنىڭ زوراۋانلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈشى ئۈچۈن ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى. «زوراۋان - تېررورچىلار ياۋۇزلۇقتا چېكىگە يەتكەن، بىز پەقەت خەلق ئۈچۈن ئاپەتنى قەتئىي يوقىتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىلا ئويلايمىز.» شى شياۋجۈننىڭ جەڭ مەيدانىدا ھەر ۋاقىت دۇچ كېلىدىغان ھايات - ماماتلىق پەيتتىكى بۇ يۈرەك ساداسى ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ھەربىر ئوفىتسېر - ئەسكەرنىڭ قىسىمغا كىرىشتىكى ئەسلىي مەقسىتى ئىدى.

ئەزىمەتلەرچە مۇلايىملىق بولغاچقا، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى

«ئوتتۇرا ئەترەت ئائىلە كەبى ئىللىق، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر قېرىنداشلاردەك يېقىن.» ۋاڭ شياۋزې مۇنداق دېدى: ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم سەپداشلىق مۇناسىۋىتى ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ مەنبەسى، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا سەپداشلىق مېھرى، قېرىنداشلىق مېھرىنى جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش، ھايات - ماماتتىمۇ بىللە بولۇشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە نامايان قىلدى.

2013 - يىلى، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى بۇيرۇققا بىنائەن تېررورچىلار ئورنىتىپ قويغان نۇرغۇن پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلدى. توققۇز سائەتتىن ئارتۇق جىددىي مەشغۇلات قىلىش ئارقىلىق، نۇرغۇن پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئوڭۇشلۇق بىر تەرەپ قىلىندى. تۇيۇقسىز، پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلغۇچىلار بىر كونا ئۆيدە ئېگىزلىكى 40 نەچچە سانتىمېتىر، دىيامېتىرى 20 سانتىمېتىر، ئېغىرلىقى 15 كىلوگىرام كېلىدىغان پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بايقىدى.

بۇ پارتلاتقۇچ بۇيۇم ئىنتايىن غەلىتە بولۇپ، رېنتىگېن ئاپپاراتى ئىچكى قۇرۇلمىنى يورۇتالمىغاچقا، مېخانىكىلىق بىلەك بىلەن ئالغىلى بولمايتتى، مۇرەككەپ ئەھۋالدا پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر تەرەپ قىلغۇچى گاۋ كەي سوغۇق تەرگە چۆمۈپ كەتتى، شۇ چاغدىكى پارتلاتقۇچ بىر تەرەپ قىلىش بەنىنىڭ بەنجاڭى گەن ۋېنجيېمۇ بۇنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.

گاۋ كەي بىلەن گەن ۋېنجيې مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، ئاۋۋال پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى چۇۋۇپ، ئاندىن پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى ئېتىزغا يۆتكەپ پارتلىتىۋېتىشنى قارار قىلدى. لېكىن مۇرەككەپ ئەھۋال تۈپەيلىدىن گاۋ كەي ئۈچ قېتىم پارتلىتىش قۇرۇلمىسىغا يېقىنلىشىپمۇ بىر قارارغا كېلەلمىدى. جىددىي پەيتتە گەن ۋېنجيې مۇنداق دېدى: «بۇرادەر، قورقما، ئۆلسەك بىللە ئۆلىمىز».

بۇ سۆز بىلەن گاۋ كەي قايتىدىن ئىشەنچكە تولدى، ئۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پارتلىتىش قۇرۇلمىسىنى چۇۋۇدى. ئاندىن ئۇلار ياغاچ تاختاي بىلەن پارتلاتقۇچ بۇيۇمنى بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئېتىزغا يۆتكىدى، 50 مېتىرغا يەتمەيدىغان مۇساپىنى توپتوغرا 30 مىنۇت ماڭدى.

2019 - يىلى 7 - ئايدا، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىدە، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتى ۋە زاپاس ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتى مانېۋىر ئۆتكۈزدى. ئۇدا 40 نەچچە سائەت ئاختۇرۇپ تۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغاچقا، ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ مەشىق كىيىمىدە تەردىن ئاپئاق شور ئۆرلەپ كەتتى. مەڭزىلىرىدە بىر قەۋەت قېلىن ئاق شور ئۆرلەپ، كالپۇكلىرى قۇرۇپ يېرىلىپ، گاللىرى ئېچىشىپ كەتتى.

دەم ئېلىش ئارىلىقىدا، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىرى سومكىسىدا ئېشىپ قالغان بىر بوتۇلكا مىنېرال سۇنى ئېلىپ، ئەمدىلا ئىچىشكە تەييارلىنىۋاتقاندا، ئانچە يىراق بولمىغان جايدىكى زاپاس ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ سۇ بوتۇلكىسىغا ھەۋەس بىلەن تىكىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. زاپاس ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ سۇنى ئىچىپ بولغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئەترەتتىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئېتىپ، مەسلىھەتلىشىۋالغاندەكلا سۇنى ئۇلارغا سۇندى، ئەمما بۇ بىر توپ يېڭى ئەسكەرلەر قانداق قىلسىمۇ ئىچىشكە ئۇنۇمىدى.

ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر بوتۇلكىنىڭ ئاغزىنى بەس - بەستە ئېچىپ، بىر يۇتۇم ئوتلىۋەتكەندىن كېيىن، سۇ بوتۇلكىسىنى يەنە سۇندى، زاپاس ئالاھىدە جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ئاندىن بوتۇلكىنى ئېلىپ، كۆز ياشلىرىنى زورىغا بېسىۋېلىپ، بىر - بىرىگە سۇنۇشۇپ ئىچىشتى.

باتۇرلار كۈچتۈڭگۈر كېلىدۇ، لېكىن باتۇرلارمۇ قان ۋە گۆشتىن پۈتۈلگەن ئادەم، دەل مۇشۇنداق ئەزىمەتلەرچە مۇلايىملىق بولغاچقا، ئالاھىدە جەڭ قىلىش 1 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش