دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-26 17:17:48

ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قىزىل تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ شىنجاڭدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 22 - كۈنى ۋاڭ ياڭ شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيىدا بىڭتۇەننىڭ بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش تارىخىنى ئىگىلىمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى تاۋ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 7 - ئاينىڭ 24 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىر لىن خۇي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ ياڭ يېقىندا شىنجاڭدا بىڭتۇەن خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىڭتۇەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى تەلەپكە ئۇيغۇنلىشىپ، مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىپ، قەدەمنى تېز، پۇختا ئېلىپ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ھەقىقىي تۈردە ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت، بۇرچنى ئادا قىلىشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە دۆلەتنىڭ چېگرا رايونىنىڭ مۇستەھكەم بولۇشى ئۈچۈن يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى يوۋ چۈەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى.

7 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە، ۋاڭ ياڭ بىڭتۇەن 1 - شى ئارال شەھىرى، 8 - شى شىخەنزە شەھىرى، 10 - شى بېيتۈن شەھىرى قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، تۇەن - مەيدان، ليەندۈي، كەسىپلەر باغچە رايونى، كارخانا، مەھەللە، مەكتەپ، دوختۇرخانا، مۇزېيلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يوقلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى ھەم سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكىر - تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ۋاڭ ياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمە - مېخانىزمنى راۋانلاشتۇرۇپ، جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەردە يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى، نەتىجىلەر تەستە قولغا كەلگەن، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ئەرزىيدۇ.

ۋاڭ ياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىڭتۇەننىڭ تارىخىي تۆھپىسى ئۆچمەيدۇ، بىڭتۇەننىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولىنىڭ ئورنىنى ھېچنېمە ئالالمايدۇ. مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىشنى داۋاملىق تۈردە بىڭتۇەننىڭ باش ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتى، بۇرچى قىلىپ، ئورۇننى توغرا تېپىپ، دائىم تۇتۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ كۆپ قاتلام، كۆپ شەكىلدىكى ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەر مىللەت ئامما بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردىكى بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداپ، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى خۇلاسىلەپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «ھۆكۈمەت»نىڭ باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ياخشى يۈرگۈزۈپ، «كارخانا»نىڭ بازار سۇبيېكتىلىق ئورنىنى بېكىتىپ، بىڭتۇەننىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە ئىجادىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى سىجىل كۈچەيتىش كېرەك. بىڭتۇەننىڭ جەنۇبقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، چوڭقۇر دەلىللەش ئالدىنقى شەرتىدە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش ئاساسىدا سىياسەت تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىگە ئېلىش داۋامىدا تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئادەمنى، ئىشنى، ھوقۇقنى تۈزۈم ئارقىلىق باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، نازارەت قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىڭتۇەن خىزمىتىنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى بىلەن پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، بىڭتۇەننىڭ قىزىل تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، خالىس ئۆزىنى بېغىشلاش، جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى يەردە قويماسلىق كېرەك.

مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، مەركەز شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شى جۈن، مەركىزىي كومىتېت ئاپپارات ئىشتاتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۈي شاۋپېڭ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لىن نيەنشيۇ، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شۈ خۇڭسەي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەمراھ بولدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى ۋاڭ جۈنجېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرى ياكى سۆھبەت يىغىنلىرىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش