دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى
تەھرىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2021-07-20 17:20:10

ئاپتونوم رايون قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى

چېن چۈەنگو سۆز قىلدى، ئىسمائىل تىلىۋالدى، ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

شۆھرەت زاكىر رىياسەتچىلىك قىلدى شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن قاتناشتى

يېقىندا، ئاپتونوم رايون 2021 - يىللىق قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى


ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: قۇربان ھېيت يېتىپ كېلىش پەيتىدە، يېقىندا، ئاپتونوم رايون 2021 - يىللىق قۇربان ھېيتلىق چاي سۆھبىتى ئۆتكۈزدى، ھەر مىللەت، ھەر ساھە ۋەكىللىرى بىر يەرگە جەم بولۇپ، كاتتا بايرامنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي چېن چۈەنگو سۆز قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئاممىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان بارلىق ھەر ساھە زاتلارغا چىن قەلبىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

گۈللىنىش دەۋرىدىكى شادلىق ناخشىسى بىلەن پارتىيەنىڭ شەپقىتى مەدھىيەلەندى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يېڭى دەۋرگە ئورتاق تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى. شىنجاڭ ئالىي مېھمانسارىيىنىڭ يىغىن مەركىزىدە چاينىڭ خۇش پۇرىقى ھەر تەرەپكە تارالغان، ئىتتىپاقلىق رىشتى چىڭ باغلانغان بولۇپ، ھەممىلا جاي قويۇق بايرام كەيپىياتىغا تولغانىدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل تىلىۋالدى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىت تەكلىپ بىلەن چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر چاي سۆھبىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن شەۋكەت ئىمىن، ۋاڭ جۈنجېڭ، جاڭ چۇنلىن، شۈ خەيرۇڭ، ئەركىن تۇنىياز، سارقىت ئاقان، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىدى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ جەمئىيەت چوڭ ۋەزىيىتى ئىناق، مۇقىم بولدى، ئىقتىسادى تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەملەندى، كۈچەيتىلدى، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلاندى، ئاممىنىڭ تۇرمۇشى تېخىمۇ گۈزەل بولدى، تۈرلۈك ئىشلاردا يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلدى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەشكە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشى، ئىلمىي يېتەكلىشىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ خالىس ياردىمى، زور كۈچ بىلەن قوللىشىنىڭ نەتىجىسى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ئۇنىڭغا يەنە ھەرقايسى پېشقەدەم رەھبەرلەر، پېشقەدەم يولداشلار ۋە يولداشلار، دوستلارنىڭ قان - تەرى، جاپالىق ئەجرى سىڭگەن. بىز ھەسسىلەپ قەدىرلەپ، ئىرادىمىزنى ساقلاپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ئۇدا كۈرەش قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈپ چىقىشىمىز كېرەك.

چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىگە قەدەم قويۇپ، يەلكەن چىقىرىپ قايتا ئاتلىنىش كېرەك. بىز «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋە 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت 2 -، 3 -، 4 -، 5 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «1 - ئىيۇل»دا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، 3 - قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى شەجەرىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، مەۋقەنى يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قويۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى، يۇقۇمنىڭ دائىملىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، «14 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشايدىغان، خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ھەربىي رايونى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى رەھبەرلىك بەنزىسىنىڭ ئەزالىرى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتى، ھاۋا ئارمىيەسى ئۈرۈمچى بازىسىنىڭ ھەربىي - مەمۇرىي مەسئۇللىرى، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋە بىڭتۇەندىكى مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى. ئۈرۈمچىدىكى قىسمەن پارتىيە 19 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان كادىرلار، ھەرقايسى سەپلەردىكى ئىلغار نەمۇنىچىلار ۋەكىللىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى، پارتىيە - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار چاي سۆھبىتىگە قاتناشتى.

چاي سۆھبىتىدە، ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى ئېسىل ئەدەبىيات - سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش