دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنىڭ بازارلاشقان سودا كۆلىمىدە يېڭى رېكورت يارىتىلدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك تىيانشان ئېتىكىدىكى قارلىق دالىدا تۇلپارلار چاپتى شىنجاڭنىڭ رەقەملىك ئىقتىسادى بۇلتۇرقىدىن %10 ئېشىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىدا %26نى ئىگىلىدى سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، خەلققە بولغان مېھىر - مۇھەببەتنى چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق، تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيىتى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك − پومپېئونىڭ يالغان - ياۋىداق سۆزلىرىنىڭ مۇقەررەر بەربات بولىدىغانلىقى توغرىسىدا يالغان - ياۋىداق سۆز ماشىنىسى پومپېئو ئاخىر تارىخنىڭ ئەخلەت دۆۋىسىگە سۈپۈرۈپ تاشلىنىدۇ «چۈش كۆرۈۋېتىپمۇ خۇشاللىقتىن ئويغىنىپ كېتىمىز» ئاپتونوم رايونلۇق 13- نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 111- قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەتلىك خەۋەرلەر

​دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك
تەھرىر:زۆھرەگۈل مەھەممەت
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2021-07-19 11:22:16

شى جىنپىڭ «دوستانە بېرىش - كېلىش قىلىش، تەقدىرداش بولۇش − پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىكى سوۋغات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سوۋغات بۇيۇملىرى - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە «دوستانە بېرىش - كېلىش قىلىش، تەقدىرداش بولۇش − پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىكى سوۋغات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى تېلېگراممىسى 7 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سوۋغات بۇيۇملىرى - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە بېرىپ، «دوستانە بېرىش - كېلىش قىلىش، تەقدىرداش بولۇش − پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىكى سوۋغات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى»نى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدىكى سوۋغات بۇيۇملار ئالاھىدە تارىخىي قىممەتكە ۋە مول ئادىمىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان چوڭقۇر دوستلۇقى مۇجەسسەملىنىپلا قالماي، يەنە يېڭى جۇڭگو دىپلوماتىيە ئىشلىرىنىڭ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە گۇۋاھ بولماقتا. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان سىياسىي پارتىيە، شۇنداقلا ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغان سىياسىي پارتىيە. بىز تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق پايدا ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيمىز. كۆرگەزمە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىدىغان ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار مەركىزىي كومىتېت سوۋغات بۇيۇملىرى - مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى باشقۇرۇش مەركىزىگە كېلىپ، كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. كۆرگەزمىدە بىر ئاساسىي كۆرگەزمە رايونى ۋە ئىككى مەخسۇس تېما رايونى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئاساسىي كۆرگەزمە رايونى «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، تىنچ بىللە تۇرۇش»، «ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىق، تىنچلىق، تەرەققىيات»، «داغدام يولدا تەڭ ئىلگىرىلەش، تەقدىرداش بولۇش»تىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن. مەخسۇس تېما رايونىدا ئايرىم - ئايرىم ھالدا «دۇنيا سەھنىسى، چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى»، «رەڭدار دۇنيا، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش» تېما قىلىنىپ، 670تىن ئارتۇق سوۋغات بۇيۇم، 40 نەچچە سۈرەت ۋە 100گە يېقىن ھۆججەت - ماتېرىيال، تەرمىلەر، يېڭى تاراتقۇ ماتېرىيالى قاتارلىقلار ئارقىلىق، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مۇھىم، زور دىپلوماتىيە ئىشلىرى ئاساسىي لىنىيە قىلىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا بېسىپ ئۆتكەن شانلىق تارىخىي مۇساپىسى، قولغا كەلتۈرگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر سىستېمىلىق نامايان قىلىنغان، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە بېرىش - كېلىش قىلىشى، چوڭقۇر دوستلۇقى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا جانلىق گۇۋاھ بولغان.

رۇسيە زۇڭتۇڭى پۇتىن سوۋغا قىلغان سوۋېت ئىتتىپاقى فوتوگرافى سۈرەتكە تارتقان دۆلەت قۇرۇش كاتتا مۇراسىمىنىڭ رەڭلىك تارىخىي سۈرىتى، فىرانسىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى پومپىدۇ سوۋغا قىلغان ئاسما گىلەم «ئامازون دەرياسى»، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئەۋەتكەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدىكى تېلېگرامما، ئامېرىكىنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى نېكسون سوۋغا قىلغان فارفۇر ئاق قۇ، ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ساچېر خانىم سوۋغا قىلغان كۈمۈش تاماكا قۇتىسى، قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ سوۋغا قىلغان تۆگە شەكىللىك نەقىشلىك لوڭقا، ھىندونېزىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى سۇسىلو سوۋغا قىلغان ئەنئەنىۋى نىقاب، چاۋشيەن ئەمگەك پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى جىن جېڭئېن ۋە رەپىقىسى سوۋغا قىلغان قۇلۇلە قېپىدا ياسالغان نەقىشلىك بېزەك رەسىم، كېنىيە زۇڭتۇڭى كېنياتا سوۋغا قىلغان مومباسا - نايروبى تۆمۈر يولىنىڭ خاتىرە بارماق دېسكىسى، گىرېتسىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى چىپراس سوۋغا قىلغان ئافېنانىڭ قاپارتما نەقىشلىك ھەيكىلى، بولىۋىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى مورالېس سوۋغا قىلغان رەڭلىك سىزمىلىق ياغاچ ئويما، فىجى زۇڭلىسى مۇبەينىماراما سوۋغا قىلغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ - ئادەت بېزەك رەسىمى... كۆرگەزمە زالىدىكى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوۋغاتلىق ئەمەلىي بۇيۇملار، قىممەتلىك، تەپسىلىي يازما ماتېرىياللار، جانلىق، تەسىرلىك سىنلىق كۆرۈنۈشلەر شى جىنپىڭ قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇلار ئارىلاپ قەدىمىنى توختىتىپ كۆردى، نەق مەيداندىكى چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى.

دىڭ شۆشياڭ، ياڭ جيېچى، خۇاڭ كۇنمىڭ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
تەكشۈرگۈچى:گۈلباھار مەمەت

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش