دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

شىنجاڭ: 410 مىڭ مودىن ئارتۇق كورلا نەشپۈتى ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى
مۇھەررىر:ئەنۋەرجان ئىمىن
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-09-21 12:50:07

كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى قارايۇلغۇن كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا باغۋەنلەر نەشپۈتلەرنى ئۈزۈپ ئايرىماقتا. 

كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى قارايۇلغۇن كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا باغۋەنلەر نەشپۈتلەرنى ئۈزۈپ ئايرىماقتا. 

قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى كادىرلار «نەشپۈتچى قىز»غا ئايلىنىپ، كورلا نەشپۈتىنى تەشۋىق قىلماقتا. 

كورلا شەھىرى قارايۇلغۇن يېزىسى قارايۇلغۇن كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا باغۋەنلەر نەشپۈتلەرنى ئۈزۈپ ئايرىماقتا. 

باغۋەن كورلا نەشپۈتى ئۈزمەكتە. 

باغۋەن كورلا نەشپۈتى ئۈزمەكتە. 

قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى كادىرلار «نەشپۈتچى قىز»غا ئايلىنىپ، كورلا نەشپۈتىنى تەشۋىق قىلدى. 

قارا يۇلغۇن يېزىسىدىكى كادىرلار «نەشپۈتچى قىز»غا ئايلىنىپ، كورلا نەشپۈتىنى تەشۋىق قىلدى. 


كورلا نەشپۈتى پىشىپ، نەشپۈت شاخلىرى نەشپۈتلەر بىلەن لىق تولدى.

خۇاڭ ۋەنلى فوتوسى

         ئالتۇن كۈزدىكى 9-ئايدا، مېۋە-چېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ھەممە يەرنى قاپلىدى. ھازىر، يەنە شىنجاڭ كورلا نەشپۈتى ئۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى ۋاقتى يېتىپ كەلدى، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، ھەقىقىي يېڭى كورلا نەشپۈتى كۆپ مىقداردا بازارغا سېلىندى.

        يېقىندا، شىنجاڭ كورلا شەھىرى قارا يۇلغۇن يېزىسى قارا يۇلغۇن كەنتىدىكى نەشپۈتزارلىقتا، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى، شاخلار سۇس قىزارغان نەشپۈتلەر بىلەن لىق تولغانىدى، سارغۇچ يېشىل نەشپۈتلەر پىشىپ خۇش پۇراق چېچىپ تۇرغان بولۇپ، نەچچە ئون باغۋەن ئالدىراش نەشپۈت ئۈزۈۋاتاتتى، كۆپچىلىكنىڭ ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولۇپ، ناھايىتى تېزلا نەشپۈتلەر سېۋەت-سېۋەتلەرگە لىق توشقۇزۇلۇپ بولغانىدى.

      نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا كورلا نەشپۈتىنى ئۆستۈرۈش كۆلىمى مىليون مو ئەتراپىدا بولۇپ، ھوسۇلى 900 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە كورلا شەھىرىنىڭ نەشپۈت ئۆستۈرۈش كۆلىمى 412 مىڭ مو، ھوسۇلى 300 مىڭ توننا ئەتراپىدا بولدى.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كورلا شەھىرى نەشپۈت كەسپىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات ئىدىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، باغلارنى مەركەزلەشتۈرۈپ تۇتاشتۇرۇپ ئوبوروت قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، كۆلەملەشكەن تىجارەتنى قانات يايدۇرۇپ، تۇپراقنى ياخشىلاش، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى يولغا قويۇپ، نەشپۈت كەسپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە تىجارەت ئۈنۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نەشپۈتنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى ياخشىلاپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ماسلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېرىقچىلىقنى زاكازلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش، مەھسۇلاتنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنىڭ گۈللىنىشىگە، نەشپۈت ئۆستۈرگۈچى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.  (لى لۇڭ)



مەسئۇل مۇھەررىر: ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش