ھازىر دەل ئەتىرگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدىغان مەزگىل. 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ لياڭفەن مەيدانى يۈچايۈەن ئەتىرگۈل باغچىسى مەنزىرە رايونىدا، تۇتاش كەتكەن ئەتىرگۈللەر بەس-بەستە ئېچىلىپ، خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى، ساياھەتچىلەر گۈل دېڭىزىدا گۈل تاماشا قىلىپ سۈرەتكە چۈشتى.
«بۇ يەردىكى ئەتىرگۈللەر ناھايىتى چىرايلىق ئېچىلىپتۇ، ھاۋانى گۈلنىڭ خۇش ھىدى قاپلاپ كېتىپتۇ، ھەممە يەردە گۈزەل مەنزىرىنى كۆرگىلى بولىدىكەن». چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيە بازىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى گو شياۋلىڭ بىر تەرەپتىن سۈرەتكە تارتقاچ بىر تەرەپتىن ماختاپ كەتتى.
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ لياڭفەن مەيدانى يۈچايۈەن ئەتىرگۈل باغچىسى مەنزىرە رايونىدا جەمئىي 80 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ئەتىرگۈل ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، ھەر يىلى 5-ئاينىڭ بېشىدا ئارقا-ئارقىدىن ئېچىلىدۇ، بىر ئايدىن ئارتۇق گۈل مەزگىلى بولىدۇ. ھازىر ئەڭ ياخشى تاماشا قىلىش مەزگىلىگە كىردى.
(ئاپتور:خۇا يەنمىڭ، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش