5-ئاينىڭ 21-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تېغى مەنزىرە رايونى ئاقچوققا ئوتلىقىنىڭ ياز مەنزىرىسى. چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تېغىغا كىرگىنىمىزدە، تاغ ئېتىكىدىن باشلاپ يېيىلغان ئوتلاق، توپ-توپ قوي-كالىلار، پورەكلەپ ئېچىلغان تاغ گۈللىرى ھەيۋەتلىك، گۈزەل تەبىئىي يۆگىمە رەسىمنى شەكىللەندۈرۈپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ يەرگە كېلىپ مەنزىرە تاماشا قىلىشقا، سەيلە -ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى