5 - ئاي كىرىشى بىلەن، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى كورلا شەھىرى نېفىت خىمىيە مەيدانىدىكى چوغلۇق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، ھال رەڭ، ئاق، قىزىل رەڭگە كىرىپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەللىككە تولدى. مەيىن شامال سىيپاپ ئۆتۈپ، لەرزان خۇشپۇراق تەرەپ-تەرەپكە چېچىلدى. ساياھەتچىلەر ئىككى-ئۈچتىن بولۇپ گۈللەر ئارىسىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، يان تېلېفونى بىلەن گۈللەر ئارىسىدىكى گۈزەل مىنۇتلارنى سۈرەتكە تارتىۋالدى.
چوغلۇق بىر خىل كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، «گۈللەرنىڭ ۋەزىرى» دېگەن چىرايلىق نامى بار، قوشۇمچە دورىلىق قىممىتى بار. ھازىر كورلا شەھىرىدىكى نېفىت خىمىيە مەيدانىغا 100 مودىن ئارتۇق يەرگە چوغلۇق تېرىلغان بولۇپ، چوڭ قىزىل تون، سۆسۈن گۈلچىمەن قاتارلىق 20 نەچچە خىل سورتى بار، ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ ئاخىرى، 5 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئارقا - ئارقىدىن چېچەكلەيدۇ، چېچەكلەش مەزگىلى تەخمىنەن 30 كۈن بولىدۇ.
( ئاپتور:ما لىجۈەن، ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى )