دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

تاغ ئىچكىرىسىدە ياڭرىغان پادىچى ناخشىسىنىڭ يېڭى ساداسى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-02-16 16:30:10

قوي پادىلىرى شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى قىشلاقتا ئوزۇق ئىزدىمەكتە (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

    شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى بارلۇق تاغلىق رايونى دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، ئېسىل چارۋىچىلىق مەيدانى، مۇھىم چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. ھەر يىلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدىن كېلەر يىلى 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە نۇرغۇن چارۋىچى بارلۇق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە كۆچۈپ بېرىپ قىشنى ئۆتكۈزۈپ باھارنى كۈتۈۋالىدۇ.

   باش باھار مەزگىلىدە، بارلۇق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان قىشلاقتىكى قار-مۇزلار تېخى تولۇق ئېرىپ بولالمىغانىدى. ھەممىلا يەردە توپ-توپ يۈرگەن كالا-قويلار، ئالدىراش ياكى تىنچ-خاتىرجەم پادىچىلار، چارۋىچىلىق رايونىدىكى كۆچمە دەرسخانىدىكى تەبەسسۇم جىلۋىلەنگەن چىرايلار ... بىر پارچە پادىچى ناخشىسى رەسىمى ھەيۋەتلىك بارلۇق تېغى ئارىسىدا يېيىلىپ تۇراتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى قىشلاقلارغا مەبلەغ سېلىشنى زورايتىپ، يېڭىدىن چارۋىچىلىق بەخت ئۆتىڭىنى قۇرۇپ، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يەم-خەشەك زاپاس ساقلاش ئامبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، چارۋىچىلارنىڭ تۇرالغۇ، قاتناش، خەۋەرلىشىش، داۋالاش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاپ، چارۋىچىلىق رايونىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

شىنجاڭ بارلۇق تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق چارۋىچىلىق بەخت ئۆتىڭى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش يەم- خەشەك زاپاس ساقلاش ئامبىرى، چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى ( 2-ئاينىڭ 12-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تاغلىق رايونىدا چارۋىچىلار قوي پادىلىرىغا يەم بەرمەكتە (2-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

چارۋىچىلار ئات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ چۈشتىن كېيىنكى قۇياش نۇرىدىن ھۇزۇرلانماقتا (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

بىر قېتىملىق قوشنىلار يىغىلىشىدا، بارلۇق تاغلىق رايونىدىكى چارۋىچى مۇرات (ئوڭدا) ئىلھامى كېلىپ ناخشا ئېيتتى، يېنىدىكى دوستلىرى ئۇنىڭ ناخشىسىغا جور بولۇپ چاۋاك چالدى (2-ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى ئېرجان كۆكەن (سولدا) چارۋىچىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرمەكتە (2- ئاينىڭ 12-كۈنى تارتىلغان سۈرەت). چارۋىچىلارغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى قەرەللىك ھالدا ئۆيلەرگىچە بېرىپ سەييارە تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش ئېلىپ بېرىپ، ساغلاملىق يەتكۈزدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق چارۋىچىلىق بەخت ئۆتىڭىدىكى كىچىك سىنىپتا چارۋىچى ئايبار ئاسقار (ئوتتۇرىدا) زېھىن سىناش مۇسابىقىسىگە قاتناشقاندىن كېيىن، مۇكاپات سۈپىتىدە بىر جۈپ پەلەيگە ئېرىشتى (2-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەسى بارلۇق تاغلىق رايونىدا، كەچكى شەپەق نۇرى چارۋىچىلىق مەيدانىغا چۈشكەندە، قوي پادىلىرى قايتىپ كەلدى (2-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇ خۇخۇ فوتوسى

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش