دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

يولغا چىقايلى، قار تېيىلغۇچى ئۆسمۈرلەر! ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر دالىدا چاڭغا تېيىلىش قىشلىق لاگېرى (ئالتاي بېكىتى) باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-02-07 11:33:41

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ تىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دۇڭ شىجۈ

   «تىزنى سەل ئېگىپ، ئالدىڭلارغا قاراڭلار، قار تېيىلىش تاختىسىنىڭ ئالدىنى كۈچەپرەك دەسسەڭلار...» 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، «يۈگۈرەيلى. ئۆسمۈرلەر» 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر دالىدا چاڭغا تېيىلىش، دالىدا غالتەك تېيىلىش قىشلىق لاگېرى (ئالتاي بېكىتى) ئالتاي شەھىرىنىڭ سارقوبۇ دالا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىن 70 ياش، ئۆسمۈر بۇ يەردە ئون كۈنلۈك دالىدا چاڭغا تېيىلىش (غالتەك) مەشىقىگە قاتىشىدۇ.

1-ئاينىڭ 30-كۈنى، «يۈگۈرەيلى. ئۆسمۈرلەر» 2023-يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر دالىدا چاڭغا تېيىلىش، دالىدا غالتەك تېيىلىش قىشلىق لاگېرى (ئالتاي بېكىتى) ئالتاي شەھىرىدىكى سارقوبۇ دالىدا چاڭغا تېيىلىش مەيدانىدا رەسمىي باشلاندى.

دوڭ شىجۈ فوتوسى

  «قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ياخشى كۆرىمەن، تېيىلغانسېرى تېيىلغۇم كېلىدۇ» دېدى ئۈرۈمچىدىن كەلگەن كۇرسانت ياڭ شى. ئۇ مەملىكەتلىك دالىدا چاڭغا تېيىلىش، غالتەك تېيىلىشنى كېڭەيتىش كومىتېتىنىڭ باش تىرېنېرى، جىلىن ئۆلكىسىدىن شىنجاڭغا تەنتەربىيەدە ياردەم بېرىشكە كەلگەن تىرېنېر لىن گۇاڭخاۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دالىدا چاڭغا تېيىلىشنىڭ ئاساسىي ھەرىكەتلىرىنى ناھايىتى تېزلا ئىگىلىۋالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېر دەرسلىكى قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، دالىدا چاڭغا تېيىلىش بىخەتەرلىك قائىدىسى ۋە ئەمەلىي مەشغۇلات قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

  ئالتاي ۋىلايەتلىك قار-مۇز تەنھەرىكىتى جەمئىيىتىنىڭ باش كاتىپى ما جۈن مۇنداق دېدى: «بالىلارنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى شۇنچە قىزغىن سۆيىدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، تېخىمۇ كۆپ ياش، ئۆسمۈرنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتىگە قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي ۋىلايىتى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى، قار-مۇز كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانىنى زىچ چۆرىدەپ، مول قار-مۇز بايلىقىغا تايىنىپ، بىر قاتار قار-مۇز تەنھەرىكىتى مۇسابىقىلىرى، پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئومۇمىي خەلق كۆڭۈل بۆلىدىغان، ئومۇمىي خەلق قاتنىشىدىغان، ئومۇمىي خەلق قار-مۇز تەنھەرىكىتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان قويۇق كەيپىيات يارىتىپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئائىلىلىرىگە كىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  «بۇ قېتىمقى قىشلىق لاگېرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قار-مۇز تەنھەرىكىتى ماھارەت مۇسابىقىسى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، مۇنەۋۋەر زاپاس ئىختىساسلىقلارنى قېزىش، يېتىشتۈرۈش قاتارلىقلاردا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىز دۆلەت، ئاپتونوم رايونغا تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر زاپاس ئىختىساسلىقلارنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز» دېدى ئالتاي ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى دىلدار نەبى.

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش