دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش 2023-يىلى شىنجاڭنىڭ 1-كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %6 ئەتراپىدا ئاشۇرۇلىدۇ ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بىرلىك سەپ، مىللەت - دىن خىزمىتى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى ​«بۇ يىلقى يۈەنشياۋ بايرىمىدا بايرام كەيپىياتى ئىنتايىن قويۇق بولدى» ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، دۆلەت يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار رەھبەرلەر، ئاكادېمىكلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى قىسمەن يېزا ئىگىلىك كارخانىچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى ​داقا - دۇمباق ئاۋازى پەلەككە يېتىپ، كوچا ئويۇنى ئوينالدى يۈەنشياۋ بايرىمى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى، ئىناق، گۈزەل تۇرمۇش ئورتاق تەبرىكلەندى ​مەدەنىيەت يۇغۇرۇلۇپ كاتتا بايرام تەبرىكلەندى يىلىغا 2000 توننا تىككۈچىلىك يىپى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 2 مىليون 400 مىڭ جۈپ تەنھەرىكەت ئايىغى ئىشلەپچىقىرىش تۈرى يىلىغا 200 مىڭ ئۇرچۇقلۇق يىپ ئېگىرىش ئىشلەپچىقىرىش تۈرى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

خۇش خەۋەر! شىنجاڭنىڭ بۇ مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرى 2022-يىللىق يوۋلېجيې . ئالتۇن تاج مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-02-07 11:26:24

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شى شىن خەۋەر قىلىدۇ) 1-ئاينىڭ 30-كۈنى، جۇڭگو مەدەنىيەت-ساياھەت ساھەسىدىكى كەسپىي ژۇرنال «يوۋلېجيې»دا 2022-يىللىق يوۋلېجيې . ئالتۇن تاج مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەرنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، جەمئىي 49 تەمىنلەش سودىگىرى، 52 شادلىق باغچىسى \ مەنزىرە رايونى ۋە 37 كۆڭۈل ئېچىش خادىمى 2022-يىللىق يوۋلېجيې . ئالتۇن تاج مۇكاپاتىنىڭ تۈرلۈك مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە، شىنجاڭنىڭ بىر مەدەنىيەت-ساياھەت تۈرى ۋە بىر كۆڭۈل ئېچىش خادىمى مۇكاپاتلاندى.

ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى.

    شىنجاڭدىن مۇكاپاتقا ئېرىشكەن تۈرلەر ۋە شەخسلەر: ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى 2022-يىللىق يوۋلېجيې . ئالتۇن تاج مۇكاپاتى — كۆزگە كۆرۈنگەن باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى؛ شىنجاڭ ۋەنتيەن كارخانا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى چېن يىمىن 2022-يىللىق مەدەنىيەت-ساياھەت ساھەسىدىكى باشلامچى شەخس (شادلىق باغچىسى) دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

    «ئالتۇن تاج مۇكاپاتى» دۆلەت ئىچىدە ئېتىراپ قىلىنغان كۆڭۈل ئېچىش ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات تۈرلىرىنىڭ بىرى.

   شىنجاڭدىكى تۇنجى چوڭ تىپتىكى باش تېمىلىق شادلىق باغچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى يىپەك يولىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان، باغچىدا 100 يۈرۈشكە يېقىن كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەسى بار، كارتون پەن-تېخنىكىسى، رەقەملىك ھولوگرافىيەلىك كىنو-تېلېۋىزىيە، باش تېمىلىق ئويۇن قويۇش ۋە كۆڭۈل ئېچىش-ھەمتۈرتكە بولۇش، باش تېمىلىق كارتون ئوبرازى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئومۇملاشتۇرۇلغان.

    ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جوۋ مىڭفېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شادلىق باغچىمىز تىجارەت باشلىغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىنجاڭ ئىچى-سىرتىدىن كەلگەن 825 مىڭ ساياھەتچى قېتىمنى كۈتۈۋالدى ھەم تۈر ئەتراپىدىكى مەدەنىيەت-ساياھەت ۋە ئالاقىدار مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى ئېچىلغانلىقىنىڭ بىر يىللىقىنى تەبرىكلەش سۇ چېچىش-ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا ئاڭلاش بايرىمى نەق مەيدانى.

 سۈرەتنى ئامەيلۇڭ خىيالىي شادلىق باغچىسى تەمىنلىگەن

      «شىنجاڭنىڭ، بولۇپمۇ ئۈرۈمچى شەھرى ساياھىتىنىڭ ئىقتىسادىي يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، بۇ يىل بىز ئىستېمالچىلارنىڭ ھېس قىلىشىنى چىقىش نۇقتىسى، پەن-تېخنىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، ئورتاق ھېسسىيات نۇقتىسىنى چوڭقۇر قېزىپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت-ساياھەت بازىرىغا كۈچ قوشىمىز.» چېن يىمىننىڭ ئېيتىشىچە، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ تېز يۇغۇرۇلۇشى، بازارنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت ئىستېمال ئېھتىياجىدا كۆرۈنەرلىك ئېشىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. بۇ يىل ئۇلار ساياھەتچىلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەتكە چىقىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئاشۇرىدىكەن.

    باھار بايرىمى مەزگىلىدە، ئۈرۈمچىنىڭ ساياھەت بازىرى داۋاملىق جانلاندى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسى(شەھەرلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى)نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1-ئاينىڭ 21-كۈنى(باھار بايرىمى ھارپىسى)دىن 1-ئاينىڭ 27-كۈنى(باھار بايرىمىنىڭ 6-كۈنى)گىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىدىن 1 مىليون 738 مىڭ 300 ئادەم قېتىمنى كۈتۈۋېلىپ، ساياھەتتىن 1 مىليارد 409 مىليون يۈەن كىرىم قىلغان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش