ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ
رەڭگارەڭ ساليۇتلار كېچە ئاسمىنىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، قاراماي شەھىرى ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىدىكى يىراق-يېقىندىكى مەنزىرىلەر رەڭگارەڭ تۈسكە كىردى، قاراماي شەھىرىدىن كەلگەن ساياھەتچى جاڭ شاۋبو بىر ئائىلە كىشىلىرى قويۇق باھار بايرىمىلىق كەيپىياتقا چۆمدى. «ئادەتتە خىزمىتىم بەك ئالدىراش، باھار بايرىمىدا بۇ يەرگە كېلىپ ھارپا كېچىلىك تامىقى يەپ، ساليۇت كۆرگەزمىسى كۆرۈپ، بىر نەچچە كۈن راھەت سۈردۈم، ناھايىتى ياخشى ئارام ئېلىش بولدى» دېدى جاڭ شاۋبو.
قىش پەسلىدىكى ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى.
پاڭ بو فوتوسى
«ھارپا كېچىلىك تامىقى + ساليۇت كۆرگەزمىسى + تۈنەش»تىن ئىبارەت كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرى يۈرۈشلەشتۈرۈلۈپ، باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى قاينام-تاشقىنلىق، ئاسايىشلىق ئىچىدە ئۆتتى. باھار بايرىمى ھارپىسىدا، جۇڭگو شېئىرىيەت باھار بايرىمىلىق سەنئەت كېچىلىكى تەشكىلىي كومىتېتىنىڭ توردا توپلىشى، باھالىشى ئارقىلىق، ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى 2022-يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون ياخشى شېئىرىي تۈسكە ئىگە مېھمانساراي بولۇپ باھالاندى.
بۇ يەرنىڭ كۆلىمى 800 مو بولۇپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسى، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى بىردىنبىر 5C دەرىجىلىك ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغان ئاپتوموبىل لاگېرى ھېسابلىنىدۇ. يېشىل دەرەخلەر بىلەن ئورالغان، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەر ئارىسىدىكى ئەگرى-بۈگرى چىغىر يوللار ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە كىچىك ياغاچ ئۆيلەر، ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېر ئورنى، دالا ھەشەمەتلىك چېدىر لاگېر ئورنى قاتارلىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. «بىز قولايلىق قاتناش ۋە يىغىلىش-تارقىلىش ئىقتىدارىغا تايىنىپ، ئەتراپتىكى مول ھەم كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ساياھەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنى لاگېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، ‹دۆلەت ئىچىدە 1- قاتاردا تۇرىدىغان، خەلقئارادا ئالدىنقى قاتارغا تۇرىدىغان› ئۆلچەم بويىچە بەرپا قىلدۇق» دېدى بۇ ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىنىڭ مەسئۇلى شې شېڭخۇڭ.
باھار بايرىمى مەزگىلىدىكى ئورقۇ رايونىدىكى ساليۇت كۆرگەزمىسى.
مىن يۇڭ فوتوسى
ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىدا 298 ياتاقلىق ئۆي بار، ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئۆزگىچە ھەم ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكىنى ھەر خىل شەكىلدىكى ياغاچ ئۆيلەر. 240 كورپۇس ياغاچ ئۆي ئون نەچچە ئۆي شەكلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ، ھەممىسى قارىغاي ياغىچىدىن ياسالغان. ئىشىكنى ئېچىپ كىرسىڭىزلا، ياغاچنىڭ خۇش پۇرىقى دىماققا ئۇرۇلىدۇ، خۇددى ئورمانلىقتىكى كىچىك ئۆيگە كىرگەندەك، ھەربىر ئۆينىڭ بېزىلىشىدىن زىننەتلىنىشىگىچە قويۇق ئورمان پۇرىقى چىقىپ تۇرىدۇ. ياغاچ ئۆينىڭ سىرتىغا يەنە ياغاچ سۇپا، ئۈستەل-ئورۇندۇق، دالا كاۋاپدانى، دالا يېمەك-ئىچمەك كۆلچىكى قاتارلىقلار سەپلەنگەن بولۇپ، ساياھەتچىلەرنى دالىدا قونۇش خۇشاللىقىدىن تولۇق بەھرىمەن قىلالايدۇ.
توردا ئالقىشلانغان ياغاچ ئۆيدىن باشقا، ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىدا يەنە ئۆي ئاپتوموبىلى لاگېر ئورنى، دالا ھەشەمەتلىك چېدىر لاگېر ئورنى، بىرقەدەر ھەشەمەتلىك يۈك ساندۇقى لاگېر ئورنى، يۈك ساندۇقى ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى، شۇنداقلا چېدىر لاگېر ئورنى قاتارلىقلار بار بولۇپ، تەبىئىيلىك-ھەشەمەتلىك، راھەتلىك-ئىشلىتىشچانلىق بىر گەۋدە قىلىنغان. بۇ يەردە يەنە پېشقەدەم نېفىتچىلارنىڭ روھىنى نامايان قىلىدىغان يۈك ساندۇقى ئۆيى ۋە چېلەك شەكىللىك ياغاچ ئۆي بار، بۇ ئۆيلەر دالىدا مەشغۇلات قىلىدىغان قاڭالتىر ئۆي ۋە ماي باكىدىن كەلگەن لايىھە ئىلھامى بويىچە ياسالغان بولۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىدىكى ياغاچ ئۆيلەر.
پاڭ بو فوتوسى
«ئورقۇنىڭ ساياھەت بايلىقى مول، ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرە ئەڭ چوڭ مۇھىت ئەۋزەللىكى ھېسابلىنىدۇ» دېدى ئورقۇ رايونلۇق مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ دۇڭ. ئورقۇ شىمالىي شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى جۇغراپىيەلىك ئورۇن مەركىزىنىڭ ئالتۇن لىنىيەسىدىكى چوقۇم ئۆتەر يول، تەبىئىي مەنزىرە تۈرى پۈتۈن مەملىكەتتىكى 68 خىل ساياھەت بايلىقى تۈرىنىڭ %83ىنى ئىگىلەيدۇ، دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى دۇنيا موگۇيچېڭ ۋە بەيياڭخې چوڭ جىلغىسى، ئەيرىك كۆلى، توغراقلىق قاتارلىقلار ئىنتايىن گۈزەل بولۇپ، بۇ ئەلا سۈپەتلىك مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىنىڭ بەش كىلومېتىر دائىرىسىدە.
«ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىدا <بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس-تۈتەك>نى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇنداقلا قۇياش چىققان ۋە پاتقان ھەيۋەتلىك گۈزەل كۆرۈنۈشنى تاماشا قىلغىلى، چەكسىز شېئىرىي تۇيغۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.» شې شېڭخۇڭ مۇنداق دېدى: شېئىرىي ھېسسىيات يەنە ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىنىڭ ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپ خىل كەسىپ، كۆپ خىل پائالىيەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىن كەلگەن.
ئېگىزدىن ئورقۇ خەلقئارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىغا نەزەر.
پاڭ بو فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش ئورقۇ خەلقارا ئۆي ئاپتوموبىلى دالا لاگېرى باغچىسىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا قاراماي شەھىرىنىڭ قىشلىق ساياھەتچىلىكىدىكى يارقىن نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە، بۇ يەردە ئېسىل پائالىيەتلەر ئۈزۈلمەي ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ، چۈشتىن كېيىنلىك چاي، گۈلخان كېچىلىكى، يۇلتۇزلۇق ئاسماننى تاماشا قىلىش قاتارلىقلار مۇقىم پائالىيەت بولۇپ قالدى، ئېلېكتىرونلۇق مۇزىكا بايرىمى، مۇزىكا بايرىمى، ساليۇت كۆرگەزمىسى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلەر كىشىنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ.
ئەتىياز، ياز، كۈز، قىشنىڭ مەنزىرىسى ھەر خىل، ئۆزگەرمەيدىغىنى يۇقىرى تەلەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت. «بىز مۇلازىمەت سۈپىتىنى باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇتۇپ، مېھمانلارنى شىنجاڭغا، ئورقۇغا كېلىپ، ئۆيىدىن قانچىلىك يىراقتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرىمىز» دېدى شې شېڭخۇڭ.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى