1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچى نېرۇ بازىرىنىڭ چولپان كەنتىدىكى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا ساۋمېي ئۈزمەكتە.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چولپان كەنتى تېرىقچىلىق قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، پارنىك خاس تېرىقچىلىقىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قايماق ساۋمېي، شاكىلات ساۋمېي ۋە ئاق ساۋمېي قاتارلىق سورتلارنى كىرگۈزۈپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى سىجىل ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى سۇنجاچى نېرۇ بازىرىنىڭ چولپان كەنتىدىكى ساۋمېي ئۆستۈرۈش بازىسىدا، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى ئىسسىق شامال چىقىرىش ئۈسكۈنىسىنى تەڭشىمەكتە.
خۇا يەنمىڭ فوتوسى
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر ساۋمېي ئۈزمەكتە.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
نۆۋەتتە، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى تۆۋەن پىچەكچى كەنتىگە جايلاشقان لوپ ناھىيەسىنىڭ سەرخىل، خاس مېۋە-كۆكتات بېغىدا ئۆستۈرۈلگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى ساۋمېيلار كەينى-كەينىدىن پىشىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ ئۈزۈشكە جەلپ قىلدى. بۇ مېۋە-كۆكتات بېغىدا جەمئىي 20 پارنىك بار بولۇپ، ساۋمېي ئۆستۈرۈشتىنلا قىلىنغان يىللىق كىرىم 400 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ.
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچىلەر ساۋمېي ئۈزمەكتە.
مەمەتئېلى ئەنۋەر فوتوسى
1-ئاينىڭ 28-كۈنى، ساياھەتچى پارنىكتا ساۋمېينى سۈرەتكە تارتماقتا.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ جاڭا جەر يېزىسى ئالغا باسار كەنتىدىكى ئاقىل يېزا ئىگىلىكى كۈن نۇرى پارنىكىغا تىكىلگەن 10 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق ساۋمېي ئارقا-ئارقىدىن مېۋە بەردى، كېلەر ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بازارغا سېلىنىپ سېتىلىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش