دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار-مۇز قىشلىق لاگېرى باشلاندى
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2023-01-31 13:07:43

  1-ئاينىڭ 27-كۈنى، «ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قايناق ھېسسىياتقا تولغان قار-مۇز، يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» تېمىسىدىكى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ياشلار، ئۆسمۈرلەر قار-مۇز قىشلىق لاگېرى تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتىدە باشلاندى.

كۇرسانتلار تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئاساسىي ھەرىكەتلەرنى ئۆگەنمەكتە.

     بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن بولۇپ، «قار-مۇزنى ھېس قىلىش، قار-مۇزدىن بەھرىلىنىش» باش تېما قىلىنغان، يەتتە كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت قار تېيىلىش ۋە مۇز تېيىلىشتىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، 86 ياش-ئۆسمۈر قاتناشتى.

    شۇ كۈنى، تىيانشان تۆمۈر مەنزىرە رايونى . تاغلاق كەنتىدىكى قار تېيىلىش مەيدانىدا، تىرېنېر قار تېيىلىش، مۇز تېيىلىشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى ھەم قار تېيىلىش ھەرىكىتىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، تېيىلىشتىكى بەدەن قىياپىتى، ئورنىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇش قاتارلىق ئاساسىي ھەرىكەتلەردىن ئۈلگە كۆرسىتىپ، كۇرسانتلارغا ھەرىكەتنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى ئۆگەتتى.

كۇرسانتلار قار تېيىلىشنى ھېس قىلماقتا.

    «مەن قار تېيىلىش سايمانلىرى بىلەن تونۇشۇپ، قار تېيىلىش تاختىسىنى توغرا تۇتۇش، توغرا كىيىش، توغرا سېلىش قاتارلىق قار تېيىلىش ساۋاتلىرىنى ئىگىلىدىم. باشقۇرۇشقا بويسۇنۇپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، قىشلىق لاگېردا قار تېيىلىش ماھارىتىنى ئىگىلەشكە تىرىشىمەن» دېدى ئاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن كۇرسانت شەھىدە مۇسا.

كۇرسانتلار قار تېيىلىشنى ھېس قىلماقتا.

    ئاقسۇ ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك جەمئىيەت تەنتەربىيە يېتەكچىلىرى مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ يۈ مۇنداق دېدى: «بىز ئالتايدىن ئىككى نەپەر كەسپىي قار-مۇز تەنھەرىكىتى تىرېنېرىنى كۇرسانتلارغا دەرس ئۆتۈشكە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەردە كۈچلۈك ئىرادە ۋە پەزىلەت يېتىلدۈرۈپ، قار-مۇز تەنھەرىكىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، زاپاس ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى قار-مۇز ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇق.» (ئىختىيارىي مۇخبىرلار لۇ شۆتىڭ، جۇ يۈنيۈن)

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش