دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونلۇق 4- خەلق دوختۇرخانىسى «يېشىل كود» دوختۇرخانىسى، شىنجاڭ تېببىي داشۆسى قارىمىقىدىكى 6- دوختۇرخانا «سېرىق كود» دوختۇرخانىسى قىلىپ تەڭشەلدى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 30ى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 998ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئون ئايدا شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى ئاپتونوم رايونىمىز توققۇز نېفىت ـ تەبىئىي گاز رايون بۆلىكىنىڭ كان تەكشۈرۈش ھوقۇقىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ۋىۋىسكا ئېسىپ ھەقلىق بەردى ئاپتونوم رايونلۇق 13 ـ نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتى 184 ـ قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى ​شىنجاڭ نۇقتىلىق رايون، نۇقتىلىق ئورۇنلاردا شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ ئىستىھكامنى ئېلىشنى چىڭ كۆزلەپ، جەمئىيەت قاتلىمىدا ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى ​پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا 152 تۇرۇبا سۇيى زاۋۇتى، 166 تەبىئىي گاز تىجارەت كارخانىسى، 231 ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش كارخانىسى نورمال يۈرۈشىۋاتىدۇ 11- ئاينىڭ 17- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالىدىن 27سى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىدىن 938ى يېڭىدىن كۆپەيدى 11- ئاينىڭ 18- كۈنى سائەت 10دىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۇجوۋ يولى دوختۇرخانىسى «يېشىل كود» دوختۇرخانىسى قىلىپ تەڭشەلدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئون ئايدىكى ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى %11.2 ئاشتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

شىنجاڭ مەنزىرىسى [ھەپتىلىك] ㊺ | ناچار ھاۋارايىغا قارىماي، بىر نىيەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش
مۇھەررىر: رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە: تىيانشان تورىۋاقتى:2022-11-22 12:19:37

 باش قىش مەۋسۇمى كەلگەن بولسىمۇ، شىنجاڭ تۇپرىقى يەنىلا قاينام-تاشقىنلىق ئىدى.

  يېڭى پاختا يىغىۋېلىنىپ، مول ھوسۇل ئاپتاپقا سېلىندى، جايلاردىكى دېھقانلار تېرىقچىلىق مەزگىلىنى چىڭ تۇتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالى ئالدىراشلىققا تولدى.

  كۆمۈر كان، زاۋۇت، دالا... ھەممە يەردە ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى.

  كادىرلار تۆۋەنگە چۈشۈپ، پىدائىيلىق مۇلازىمىتى قىلىپ، پۈتۈن كۈچلەرنى جەڭگە ئاتلاندۇرۇپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇردى.

  شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشتىكى 20 تۈرلۈك تەدبىرنىڭ كونكرېت تەلىپىگە ئاساسەن، ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇشنى تەرتىپلىك جىپسىلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى تېخىمۇ ئىلمىي، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ياخشى تۇتۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، تۈگىتىش جېڭىدە غەلىبە قىلىدۇ.

  دەنشيادا قىشتا قار يېغىپ، تۇمان سۆڭگىسى شاخلارنى قاپلىدى، كۆل ۋە تاغلارنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مول سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر، ئالتۇن رەڭدىكى توغراقلار، باش قىشتىكى شىنجاڭ سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

  بۇلۇتلار تاراپ يۇقۇم تۈگىگەندىن كېيىن، سىز بىلەن بىللە تاغ-دەريالارغا كېزىمەن.

  مول ھوسۇلنى ئاپتاپقا سېلىش

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 2-شى 21-تۇەن 8-ليەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئاپتاپقا سېلىش مەيدانىدا قوناقنى ئاپتاپقا سالماقتا. بۇ يىل بۇ تۇەن تېرىغان 10 مىڭ مو قوناقتىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مو بېشى مەھسۇلاتى 1000 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ھازىر قوناقلار تولۇق ئورۇلۇپ، ئاپتاپقا سېلىنىپ ئامبارغا كىرگۈزۈش باسقۇچىغا كىردى.

يەن جىجياڭ فوتوسى

  يېڭى پاختىلارنى يىغىۋېلىش

  11-ئاينىڭ 8 -كۈنى، پاختا يىغىش ماشىنىسى كۇچا شەھىرى ياقا بازىرىنىڭ چاچقۇم كەنتىدىكى كېۋەزلىكتە ئۇياق-بۇياققا ئۆتۈشۈپ، يېڭى پاختىلارنى يىغىپ، شىنجاڭ پاختىلىرىنى ۋاقتىدا ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ياڭ شو فوتوسى

  شىنجاڭ پاختىسى ئامبارغا لىق تولدى

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرىدىكى پېڭفا پاختىچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى پاختا پىششىقلاش زاۋۇتىدا يېڭى پاختىنى دۆۋىلىمەكتە. بۇ يىل بۇ شى تېرىغان 2 مىليون 460 مىڭ مو يەردىكى كېۋەزدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، ھازىر پاختا پىششىقلاش ئاۋات پەسلىگە كىردى.

چېن فاڭ فوتوسى

  ئۈستى ئوچۇق كاندا كۆمۈر قېزىش

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، كۆمۈر قېزىش ماشىنىلىرى شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان شىنجاڭ يىخۇا كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋۇسەيۋەن 1-نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كانىدا مەشغۇلات قىلماقتا. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنى خام ئەشيا كۆمۈرى بىلەن نورمال تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، توشۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ توك تارقىتىش، ئىسسىقلىق بىلەن تەمىنلەش ۋە شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش، شىنجاڭ ئىچىدە خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك كۆمۈر توشۇشنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

خې لۇڭ فوتوسى

  تەرتىپلىك ئىشلەپچىقىرىش

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئىشچىلار شىنجاڭ گوڭچۇاڭ ياتۇڭ تۇرۇبا چەكلىك شىركىتىنىڭ PVC ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا مەشغۇلات قىلماقتا. تۆتىنچى پەسىلگە كىرگەندىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسىدىكى ھەر قايسى كارخانىلار مىنۇت-سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي، ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى مۇقىم، تەرتىپلىك، كۈچلۈك، ئەمەلىي تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، بازار تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلدى.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

  لامپۇچكىدىكى سىمنى كېسىش

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئوت ئۆچۈرۈش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ لامپۇچكىدىكى پولات سىمنى كېسىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇ كۈنى ،قاراماي شەھىرى جەرەنبۇلاق رايونى(قاراماي يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسپلەر تەرەققىيات رايونى) «ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكىنى تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش» باش تېما قىلىنغان «119» ئوت مۇداپىئە تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، نەق مەيداندا ئوت مۇداپىئە سايمانلىرى كۆرگەزمە رايونى، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ماھارىتى كۆرسىتىش رايونى، ئوت كېتىش تەجرىبە رايونى، قېچىپ قۇتۇلۇش سىناق رايونى ۋە تەشۋىقات رايونى تەسىس قىلىنىپ، كۆزدىن كەچۈرگۈچىلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە تەمىنلەندى.

ۋۇ لياڭ فوتوسى

  دېھقانچىلىققا ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشى

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى ئارال شەھىرىدە سۈرەتكە تارتىلغان جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش تۈرى ئىش ئورنى. ھازىر 980 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان جەنۇبىي شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى يىغىش-تارقىتىش مەركىزى قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، 2023-يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى مۆلچەرلەنمەكتە.

ئادىل غېنى فوتوسى

  دەنشيانىڭ قىشتىكى قار مەنزىرىسى

  11-ئاينىڭ 10-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىدە سۈرەتكە تارتىلغان تىيانشان 100 چاقىرىملىق دەنشيا مەنزىرە رايونىدىكى قار مەنزىرىسى. قار ياغقاندىن كېيىن، 100چاقىرىملىق دەنشيا مەنزىرە رايونى ئاپئاق قاردا كۈمۈش لىباسقا ئورىلىپ، ئىنتايىن گۈزەل تۈسكە كىردى. بۇ مەنزىرە رايونى سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى ۋە ماناس ناھىيەسىنى كېسىپ ئۆتكەچكە، كىشىلەر تەرىپىدىن «تىيانشان جۇغراپىيەلىك مەنزىرە كارىدورى» دەپ تەرىپلەنگەن، يەر شەكلىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 120 كىلومېتىر بولۇپ، «100 چاقىرىملىق دەنشيا» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى

  تۇمان سۆڭگىسى شاخلارنى لىق قاپلىدى

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى، موڭغۇلكۈرەدىكى تېكەس دەرياسى سۇلۇق يېرى ئەتراپىدا تارتىلغان تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى. باش قىش مەزگىلىدە، موڭغۇلكۈرە ئېگىزلىكىدە كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولغانلىقتىن، تېكەس دەرياسى بويىدا دائىم تۇمان سۆڭگىسى مەنزىرىسى پەيدا بولىدۇ، قۇياش نۇرى ئاستىدا، دەل-دەرەخلەرنى لىق قاپلىغان تۇمان سۆڭگىسى كۈمۈش رەڭلىك نۇر چېچىپ، مەرۋايىتتەك پارقىراپ، خۇددى چۆچەكلەر دۇنياسىغا كىرىپ قالغاندەك كۆرۈنىدۇ.

لى ۋېنۋۇ فوتوسى

  تاغ-كۆل مەنزىرىسى

  11-ئاينىڭ 10-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا سۈرەتكە تارتىلغان قار مەنزىرىسى. باش قىش مەزگىلىدە، قار ياغقاندىن كېيىنكى قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايوندا ئاسمان زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك، بۇلۇتلار مامۇقتەك ئاپپاق بولۇپ، كۆل ۋە تاغلارنىڭ مەنزىرىسى ئىنتايىن گۈزەل ئىدى.

ۋاڭ جۈنۋېي فوتوسى

  مول سۇ ۋە ئوت-چۆپلەر

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى،تىزگىنەكلەكلىك ئۇچقۇدا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان توشقان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى مەنزىرىسى. باش قىشتا، ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى توشقان دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇراتتى، دەريا قىرغىقىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قات-قات ئورمانلار ئالتۇن رەڭگە كىرىپ، كۆرۈپ تۈگەتكۈسىز گۈزەل تۈسكە كىرگەنىدى.

ۋاڭ جۈنەن فوتوسى

  ئالتۇن رەڭ توغراق

  11-ئاينىڭ 11-كۈنى، قوي پادىلىرى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 3-تۇەن تەۋەسىدىكى كىچىك دەريا بويىدىن ئۆتمەكتە. باش قىشتا بۇ ئىپتىدائىي توغراقلىق ئاستا-ئاستا ئالتۇن رەڭگە كىردى، ئالتۇن رەڭ توغراق، كۆپكۆك دەريا ئېقىنى، كېتىۋاتقان قوي پادىلىرى گۈزەل بىر يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلدى.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

  شاللىقتا ئارام ئېلىش



  11-ئاينىڭ 9-كۈنى، بىر توپ ياۋا غاز شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1-شى 3-تۇەندىكى شاللىقتا ئارام ئالماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ تۇەن ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە مۇھىت قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئېتىزدىكى شال پاخىلىنى كېيىنرەك يىغىش ئارقىلىق قۇشلارنى قىشتىن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، قۇشلارنى ياخشى ياشاش شارائىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ياشايدىغان ياخشى مۇھىت ياراتتى.

ۋاڭ جىچىڭ فوتوسى

  سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدىكى قار مەنزىرىسى. باش قىشتا، كۈنەس ناھىيەسىدىكى ناراتتا باش قىشتىن كېيىنكى تۇنجى قار ياغدى، قار ياغقاندىن كېيىن نارات كۈمۈش لىباسقا ئورىلىپ، سۈرەتتەك گۈزەل تۈسكە كىردى.

ياڭ شياۋچيەن فوتوسى

  پىدائىيلىق مۇلازىمىتى

  11-ئاينىڭ 7-كۈنى، پىدائىيلار غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسى باغۋەنچىلىك كەنتىدە كەنتىدە كۆكتاتچىلارنىڭ كۈزلۈك بەسەي يىغىشىغا ياردەلەشمەكتە. يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە، قىشلىق كۆكتاتلارنى سېتىش كۆكتاتچىلارنىڭ باش قاتۇرىدىغان ئىشىغا ئايلانغانىدى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ۋە پىدائىيلارنىڭ كۆپ تەرەپلىمە ياردىمىدە، غۇلجا شەھىرىنىڭ كېپەكيۈزى يېزىسى 1200 توننىدىن ئارتۇق قىشلىق كۆكتاتنى ئوڭۇشلۇق يىغىۋالدى، سېتىش يول ئوڭۇشلۇق ئېچىلدى.

سۈن ۋۇجيەن فوتوسى

  ئىشىك ئالدىغا بېرىپ خېسۇەن قىلىش

  11-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شىمىگۇ رايونى شىخۇڭ شەرقىي يولى جەنۇبىي 5-كوچىسىدىكى ئۆزى سېلىۋالغان ئۆي ئاھالىلەر نۇقتىسىدا، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خادىملىرى يىغىلىپ قالغان قارلارنى كىچىپ، ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ ئاھالىلەردىن خېسۇەن ئەۋرىشكىسى ئالدى. ئۈرۈمچىدە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىدى، يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىش خادىملىرى بىرىنچى سەپتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇستەھكەم مۇداپىئە لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى. جاڭ شيۇكې فوتوسى

  ناچار ھاۋارايىغا قارىماسلىق

  11-ئاينىڭ 9-كۈنى، پىدائىيلار ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى نەنۋەن كوچىسى باشقۇرۇش كومىتېتى داۋان شىمالىي مەھەللىسى ئەيدىڭباۋ ئولتۇراق رايونىدا قارغا قارىماي ئاھالىلەرگە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەرمەكتە. شۇ كۈنى، ئۈرۈمچىدە قار ياغدى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇۋاتقان مەھەللە كادىرلىرى، پىدائىيلار چوڭ ئائىلە ئۈچۈن كىچىك ئائىلىدىن ۋاز كېچىپ، ناچار ھاۋارايىغا قارىماي ئاھالىلەرگە تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلدى.

گۈلجان رېسىبېك فوتوسى

  باش مۇھەررىر: سۇڭ جۈن

  مۇھەررىر: سەي زېڭلې

  ئىشلىگۈچى: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى سۈرەتلىك خەۋەرلەر بۆلۈمى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر: ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش