بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرىنىڭ جولۇڭ كەنتىدىكى دېھقانلار قوناق يىغماقتا. بورتالا شەھىرىدە 50 مىڭ مو يەردىكى ئاغدۇرماي تېرىلغان كۆممە قوناق ئورۇش مەزگىلىگە كىردى، ھەر قايسى يېزا بازار، مەيدانلاردىكى دېھقانلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ كۆممە قوناقنى جىددى ئورىدى. يەرنى ئاغدۇرماي تېرىش بىر خىل قوغداش خاراكتېرلىك تېرىقچىلىق ئەندىزىسى بولۇپ، ماشىنا - ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق تېرىش، ئوغۇتلاش، تېمىتىپ سۇغىرىش بەلبېغىنى تېيىز كۆمۈشنى ماشىنىلاشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى بىر قېتىمدىلا تاماملىغىلى بولىدۇ، بۇنىڭدا ئېتىزلارنىڭ چۆللىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپلا قالماي، يەنە يېزا ئىگىلىك تەننەرخىنى تېجەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
شاتېك غەيرەت فوتوسى