10-ئاينىڭ بېشىدا، شىنجاڭ ئالتاي شەھىرىدىكى جياڭجۈن تېغى ئورمان باغچىسىدا، كۈزدىكى ئىللىق قۇياش باغچىغا باشقىچە كۈز رەڭلىرىنى قوشتى. ئالتاي شەھىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جياڭجۈن تېغى، لوتوفېڭ، جەنۇبىي رايون قاتارلىق رايونلاردا 31 مىڭ مو قاقاس تاغنى كۆكەرتتى، دەل-دەرەخلەرنىڭ تۇتۇش نىسبىتى %95تىن ئاشتى، ئىلگىرىكى قاقاس تاغلار بۈگۈنكى كۈندە بۈك-باراقسان يېشىللىققا تولدى.
(ئاپتورى: ئۇلان قادىكىن ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: ئالتاي شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى)