ھازىر، دەل كۈزلۈك چىلان پىشىدىغان ۋە تېز سېتىلىدىغان پەسىل. چاقىلىق ناھىيەسىدىكى كۈزلۈك چىلان باغچىسىدا، ھېقىققا ئوخشاپ كېتىدىغان يېڭى چىلانلارنى شاخلار كۆتۈرەلمەي قالغان ئىدى، چىلانچى دېھقانلار پىشقان كۈزلۈك چىلانلارنى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى.
«بىزنىڭ كۈزلۈك چىلانلىرىمىزنى كۆرۈپ بېقىڭ، ئۇنىڭ دانىسى چوڭ، پوستى نېپىز بولۇپلا قالماي، يەنە چۈرۈك ھەم تاتلىق! كۆپچىلىك ياخشىمۇسىلەر! مەن <جۇڭگو چىلان ماكانى>دىن كۆپچىلىككە سالام بېرىۋاتىمەن...» 9- ئاينىڭ 19- كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ تىكەنلىك بازىرى قورغان كەنتىدىكى تېرىقچى ئائىلە چى شۇكۇەننىڭ كۈزلۈك چىلانلىقىدا، يۇمىلاق، تولۇق، ئاچ قىزىل كۈزلۈك چىلانلار شاخلارنى ئېگىۋەتكەن بولۇپ، ئىشچىلار ئالدىراش چىلان ئۈزۈۋاتاتتى، تېرىقچى ئائىلە چى شۇكۇەنمۇ كەڭ تورداشلارغا ئۆز ئائىلىسىنىڭ كۈزلۈك چىلانلىرىنى تونۇشتۇرۇۋاتاتتى.
«چاقىلىقنىڭ كۈزلۈك چىلىنىنىڭ تەمى ناھايىتى ياخشى، ناھايىتى چۈرۈك ھەم ناھايىتى تاتلىق، كورۇسلىتىپ يەيسىز، ھەممىمىز ياقتۇرۇپ يەيمىز. ھازىر كۈزلۈك چىلان پىشتى، بىر كۈندە 300 كىلوگىرام ئەتراپىدا كۈزلۈك چىلان ئۈزىمىز، 150 يۈەندىن 200 يۈەنگىچە كىرىم قىلالايمىز»، دېدى ئۈزۈش ئىشچىسى ليۇ شۇرۇڭ.
چى شۇكۇەننىڭ چاقىلىق ناھىيەسىدە كۈزلۈك چىلان ئۆستۈرگىنىگە 15 يىل بولدى، بۇ يىل ئۇنىڭ 100 مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزلۈك چىلىنىنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 500 كىلوگىرامدىن ئاشتى.
«بۇ يىل كۈزلۈك چىلاننىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى بولدى، ھەر كۈنى ئون نەچچە ئىشچى كۈزلۈك چىلان ئۈزگىلى كېلىدۇ، بىر كۈندە ئىككى توننىدىن ئۈچ توننىغىچە كۈزلۈك چىلان ئۈزەلەيدۇ. ھەر يىلى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن خېرىدارلار كۈزلۈك چىلان پىشماستىلا زاكاز قىلىدۇ، بىز كۈزلۈك چىلاننىڭ پىشىش مىقدارىغا ئاساسەن ئۈزۈش مىقدارى ۋە زاكاز قوبۇل قىلىش سانىنى بېكىتىمىز.» دېدى چى شۇكۇەن.
چاقىلىق ناھىيەسى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى يېتەرلىك، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزۇن قاتارلىق كىلىمات شارائىتى چاقىلىق كۈزلۈك چىلىنىنىڭ پوستى نېپىز، ئېتى چۈرۈك، شىرنىلىك، تاتلىق، خۇش پۇراق بولۇشتەك ئەۋزەل سۈپىتىنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇ ئىنتايىن يۇقىرى ئوزۇقلۇق قىممىتى ۋە ساقلىقنى ساقلاش رولىغا ئىگە، ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر 18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى ۋە كۆپ خىل ۋىتامىن مول بولۇپ، «تىرىك ۋىتامىن كۇمىلىچى» ۋە «مېۋىلەر شاھى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن، ساياھەتچىلەر تېخى ئۆزلىرى كېلىپ ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىدۇ.
بۇ يىل چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ كۈزلۈك چىلان ئۆستۈرۈش كۆلىمى 1050 موغا يەتتى، ئومۇمىي مەھسۇلات مىقتارىنىڭ 650 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، چىلاننى ئۈزۈش بېسىق مەزگىلىدە، ئەڭ كۆپ بولغاندا 200دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
(ئىختىيارىي مۇخبىر: ساۋ يۆ، تۇرسۇنئاي)
پايدىلانغان مەنبە: چاقىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش