دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ئۇلار بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى «بۇلۇت تېرمىنالى»دا سەيلى قىلدۇردى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-28 12:09:31

  9 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسى خۇيخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قارىئۆرۈك ئىچىملىكىنى ساتماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

  يېقىندا، چاغانتوقاي ناھىيەسى داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرىنى تەشكىللەپ، «چىڭيۈن جۇڭگو . كۈزلۈك يىغىم مول نەتىجىسى» توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىش ئارقىلىق دېھقانلارغا ياردەم بېرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، شۇ جايدا ئىشلەپچىقىرىلغان زاراڭزا يېغى، قارىئۆرۈك ئىچىملىكى، باشباي قوي گۆشى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك خاس مەھسۇلاتلىرىنى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ سېتىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.

  9ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى، داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلىرى چاغانتوقاي ناھىيەسى خۇيخې يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان قارىئۆرۈك ئىچىملىكىنى ساتماقتا.

ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

  9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئۈزۈم ساتماقتا.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

  ھازىر دەل مېۋە ـ چېۋىلەردىن مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان پەسىل، سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەنگۇڭ بازىرى نەنتۇگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى ئېتىز باشلىرىغا بېرىپ، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق شۇ جاينىڭ مېۋىلىرىگە «ۋاكالىتەن سۆز» قىلىپ، «تور سىرتىدىكى بازىدا ئۈزۈش + توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش» ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن سېتىش ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  9 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە ـ رادىيو ـ تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەنگۇڭ بازىرى نەنتۇگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى توردا بىۋاستە كۆرسىتىش ئارقىلىق باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈم سېتىشىغا ياردەم بەردى.

لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى

  «ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش