ئالتۇن كۈز پەسلىدە، مېۋىلەرنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارالدى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى بۆكەنبۇلاق كەنتىدىكى شيۇڭجيا ئالمىلىق بېغىدا، چوڭ قىزىل ئالمىلار شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، قىپقىزىل رەڭگى، خۇش ھېدى كىشىنى ھۇزۇرلاندۇراتتى، خۇددى قىزىل پانۇستەك يۇمىلاق چوڭ ئالمىلار بىلەن شاخلار ئېگىلىپ تۇراتتى. ئالمىلىق باغدا، باغۋەنلەر ئۈزۈش، خىللاش، ساندۇققا قاچىلاش، سېتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، چېھرىدىن خۇشاللىق كۈلكىسى چىقىپ تۇراتتى، ھەممە يەردە مول ھوسۇل ئېلىشتەك خۇشاللىنارلىق مەنزىرە نامايان بولغانىدى.
شيۇڭجيا ئالمىلىق بېغىنىڭ مەسئۇلى گو يۇڭپىڭ مۇنداق دېدى: « ئالمىلىق بېغىمىز 12 موچىقىدۇ، مو بېشى ھوسۇلى تەخمىنەن 600 كىلوگىرام، بىز<شىڭشۇەي> سورتىنى ئۆستۈرىمىز، بۇ سورت ئاسان چېچەكلەپ، مېۋە بېرىدۇ، ئۇنى پەرۋىش قىلىش ئاسان، ئۇنىڭ ئۈستىگە مېۋىسىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى .تەكشى،رەڭگى، تەمى تاتلىق، ھەر يىلى بۇ يەرگە كېلىپ ئالما ئۈزىدىغان ساياھەتچىلەر ۋە زاكاز قىلىدىغان كارخانىلار ناھايىتى كۆپ. بىز مەھەللىۋى ئوغۇت ئىشلىتىمىز، ساياھەتچىلەر، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ خاتىرجەم يېيىشىنى،كېلىپ خۇشال ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالتاي شەھىرى قىزىل تاش بازىرى بۆكەنبۇلاق كەنتى يېشىل ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مېۋە ئۈزۈشنى خاسلىق قىلغان تەرەققىيات يولىدا ماڭدى. ھەر قېتىم مېۋە پىشقان مەزگىلدە، نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى، ساياھەتچىلەر ئالمىلىق باغقا كېلىپ، كىچىك چېلەكلەرنى كۆتۈرۈپ، ئۈزۈش خۇشاللىقىنى ھېس قىلىشىدۇ. نۇرغۇن ساياھەتچى باغدىن چىقماي تۇرۇپلا، يېڭى ئۈزگەن ئالمىنى تېتىيدۇ. مېۋە ئۈزۈشنى خاسلىق قىلغان تەرەققىيات لېنىيەسى باغۋەنلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تۇرمۇش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈردى.
(ئىختىيارىي مۇخبىر خەن لىڭ خەۋىرى)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش