9-ئاينىڭ 21-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى جالغىز ئاغاش كەنتىدىكى ئاھالىلەر كۆممىقوناق يىغماقتا. ھازىر، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 600 مىڭ مو ئېتىزلىقتا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ زىرائەتلەرنى جىددىي يىغىپ، ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، چاغانتوقاي ناھىيەسى قارابۇرا يېزىسى جالغىز ئاغاش كەنتىدىكى ئاھالىلەر كۆممىقوناق يىغماقتا. ھازىر، چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى 600 مىڭ مو ئېتىزلىقتا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولدى، كەنت ئاھالىلىرى ھاۋانىڭ ئوچۇق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ زىرائەتلەرنى جىددىي يىغىپ، ئامبارغا تولۇق كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 21-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى لۇڭۋاڭمياۋ كەنتى تيەنفۇ كۆچەت يېتىشتۈرۈش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىكى شياڭفېي تاشئالما باغچىسىدا، ئىشچىلار ئۈزگەن تاشئالمىلارنى يەشىككە قاچىلىماقتا. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۆستۈرگەن 1800 مو يەردىكى شياڭفېي تاشئالمىسىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، قىپقىزىل شياڭفېي تاشئالمىلىرى دەرەخ شاخلىرىغا لىق تولغانىدى.
خې لۇڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 20-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى ئورگانىك چىلان ئۈلگە كۆرسىتىش باغچىسىدا «مول ھوسۇل بايرىمى»نى تەبرىكلىمەكتە. ھازىر، چەرچەن ناھىيەسى ئارال بازىرىنىڭ گۈزەل كەنتىدىكى 3600 مو يەردىكى چىلان ھوسۇل ئېلىش مەزگىلىگە كىردى، گۈزەل كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە چىلان يەپ، خاسىڭ تېرىپ، كۆممىقوناق ئۈزۈپ... «مول ھوسۇل بايرىمى»نى تەبرىكلىدى.
رىزۋانگۈل ئىسمايىل فوتوسى
9-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ ئىماملىرىم بازىرى يۇقارقى قاغاتۇر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىلىرى ياڭاق توشۇماقتا. ھازىر، ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىكى ھەرقايسى يېزا (بازار)لاردا ئۆستۈرۈلگەن نېپىز پوستلۇق ياڭاق ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، باغۋەنلەر ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئۈزۈپ، بازارغا سېلىپ ساتتى.
ۋەلى قېيۇم فوتوسى
9-ئاينىڭ 22-كۈنى، دېھقانلار ئاۋات ناھىيەسىنىڭ تامتوغراق بازىرى توغبېشى كەنتىدىكى لازا قۇرۇتۇش مەيدانىدا لازا قۇرۇتماقتا. ھازىر، بۇ كەنت تېرىغان 400 مو يەردىكى زاكازلىق لازىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، دېھقانلار ئېتىز باشلىرىدا لازا يىغىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ، مول ھوسۇل شادلىقىدىن بەھرىمەن بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى پائال تەڭشەپ، لازا تېرىش خاس كەسپىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشتى.
باۋ لياڭتىڭ فوتوسى
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى