دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

9-ئايدا، تىيانشاننىڭ جەنۇب-شىمالىنى مول ھوسۇل مەنزىرىسى قاپلىدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-09-28 12:02:46

    9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى تۇڭتۇر كەنتىدىكى دېھقانلار لازا قۇرۇتماقتا.

    ئېزىز سامساق فوتوسى

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ جام بازىرى تۇڭتۇر كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى لازا كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى.

     9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇڭتۇر كەنتىدىكى دېھقانلار لازا قۇرۇتماقتا.

ئېزىز سامساق فوتوسى 

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۇڭتۇر كەنتىدىكى دېھقانلار لازا قۇرۇتماقتا.

ئېزىز سامساق فوتوسى

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، باغۋەن ياقا كەنتىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئالما ئۈزمەكتە.

  ۋۇ لې فوتوسى

  ھازىر، كۇچا شەھىرى ياقا بازىرى ياقا كەنتىدە ئۆستۈرۈلگەن 60 نەچچە مو يەردىكى خۇڭفۇشى ئالمىسى ئارقا ـ ئارقىدىن پىشتى، باغۋەنلەر توردا ۋە تور سىرتىدا ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ سېتىش ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك خۇڭفۇشى ئالمىلىرىنى بېيجىڭ، شاڭخەي، جېجياڭ قاتارلىق جايلارغا ساتتى.

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، باغۋەن ۋە پىدائىي ياقا كەنتىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئالمىلارنى بىۋاستە كۆرسىتىپ ساتماقتا.

  ۋۇ لې فوتوسى

  9-ئاينىڭ 16-كۈنى، باغۋەن ياقا كەنتىدىكى ئالما ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئالمىلارنى كۆرسەتمەكتە.

  ۋۇ لې فوتوسى

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى چۆچەك شەھىرىنىڭ قاراقاباق يېزىسى قاراقاباق كەنتىدە كۆممىقوناق ئورۇماقتا(تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  دەي جاۋمېي فوتوسى

  ھازىر، تارباغاتاي ۋىلايىتىدە تېرىلغان 3 مىليون 160 مىڭ مودىن ئارتۇق كۆممىقوناق ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، كەنت ئاھالىلىرى دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئورۇشنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە 400 مىڭ موغا يېقىن كۆممىقوناق ئورۇلۇپ بولۇندى.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، كەنت ئاھالىلىرى قاراقاباغ كەنتىدە كۆممىقوناق ئورۇماقتا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

  دەي جاۋمېي فوتوسى

  9 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ھاراپ يېزىسى ئىلەكبويى كەنتىدە، پىدائىيلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىللە لازا ئۈزمەكتە.

  چېن جۈنچياڭ فوتوسى

  يېقىندا، يېڭىشەھەر ناھىيەسىنىڭ ھاراپ يېزىسى «پارتىيە ياچېيكىسى + پىدائىيلار + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئەمگەك كۈچى كەمچىل ئائىلىلەرنىڭ لازا ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشتى.

  9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئىلەكبويى كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرى لازا ئۈزمەكتە.

  چېن جۈنچياڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش