9- ئاينىڭ 17 - كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا قومۇشلار سۇ يۈزىدىن چىقىپ تۇراتتى، سۇ ئۆسۈملۈكلىرى بولۇق ئۆسكەن بولۇپ، ھەر خىل ئۇچار قۇش، ئەتىۋارلىق قۇشلار بۇ يەرگە توپلاشقانىدى. ئاق قوتان، قىرغاۋۇل، ياۋا ئۆردەك قاتارلىق ھەر خىل قۇشلار ئارام ئالغاچ ئوزۇقلۇق ئىزدەۋاتاتتى ياكى ئاسماندا پەرۋاز قىلىۋاتاتتى. ياخشى سۇلۇق يەر ئېكولوگىيەلىك مۇھىتى قۇشلارنىڭ گۈزەل ماكانىغا ئايلانغانىدى.
(ئىختىيارىي مۇخبىرلار جاڭ ۋېنتىڭ، ياڭ شياۋچيەن، لى جىنۋېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى