ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ليۇ خاۋ) 9- ئاينىڭ بېشىدا، ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدىكى يەم- خەشەك بازىسى ئاق ئارپا ئورۇش مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى. جىغىن يېزىسى مول ھوسۇلنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، «مول ھوسۇلنى تەبرىكلەش، كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىش» ئېگىزلىك ئاق ئارپىسى ئورمىسىنى باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.
جىغىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت دېھقانلارنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا تەشكىللىدى، ھەم كومبايىننى ماسلاشتۇردى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ ئاق ئارپا ئورۇشىغا ياردەم بېرىشكە تەشكىللىدى، نەق مەيداندا كومبايىنلار ئورۇش، دان ئايرىش بىلەن ئالدىراش بولدى، كادىرلار، ئامما بىرلىكتە ئاشلىق قاچىلاپ، ئاشلىق چۈشۈرۈپ، ھەر بىر دان ئاق ئارپىنى ئامبارغا كىرگۈزۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى، ئېتىزلىقتا مول ھوسۇل شادلىقى ئۇرغۇپ تۇراتتى.
ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ جىغىن يېزىسى ساز كەنتىدە كومبايىن ئارپا ئورۇۋاتىدۇ.
ليۇ خاۋ فوتوسى
«بۇ يىل ئائىلىمىز 15 مو ئاق ئارپا تېرىدى، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇلى 200 كىلوگىرام، ھەر كىلوگىرامىنى سېتىش باھاسى 10 يۈەندىن 12 يۈەنگىچە، يېزا كادىرلىرى بىزگە سېتىۋالىدىغان سودىگەر ئۇقۇشۇپ بەردى، ئاق ئارپا سامىنى يەنە كالا- قوي بېقىشتىكى ياخشى يەم- خەشەك، بۇنىڭ بىلەن ھەم كىرىمىمىز ئاشتى، ھەم باقمىچىلىق تەننەرخىمىز تۆۋەنلىدى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمىگە رەھمەت.» دېدى ساز كەنتىدىكى چارۋىچى مەرگەن تويچىبەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جىغىن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى ئېگىزلىك كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى ئۇسۇلى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەشكە پائال يېتەكلەپ، ئوتلاق، شورلۇق يەرنى ياخشىلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئاق ئارپا، سۇلۇ تېرىقچىلىقىنى كۆلەملەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش، ماركىلاشتۇرۇش ئۈستىدە ئىزدەندى. 2021- يىلى، ساز كەنتىدە 150 مودىن ئارتۇق ئاق ئارپا سىناق قىلىپ تېرىلىپ، مو بېشىدىن 200 كىلوگىرام ئارپا ئېلىندى، ھەر مو يەردىن 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىندى.
كەسىپ كۆلىمىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ بېيىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، يېزىلىق پارتىيە كومىتېتى باشلامچىلىق بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلارنى ماسلاشتۇرۇپ، 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ساز كەنتىدىكى يەم- خەشەك بازىسىنىڭ 2850 مو يېرىنى ياخشىلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېتىزلىقلارنى سۇغۇرۇش ئۆستەڭلىرى، ئېتىز- ئېرىق ئىشلەپچىقىرىش يوللىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، چوڭ تىپتىكى يەر ھەيدەش- تېرىش ماشىنىسى، ئەلا سورتلارنى سېتىۋېلىپ، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ تېرىش، سۇغىرىش، ھاشارات يوقىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، مۆلچەرلىنىشىچە، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى 5 مىليون يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىكەن. ئاق ئارپا، سۇلۇ سامىنىنىڭ ھەممىسى كالا، قوي، ئات قاتارلىق چارۋىلارغا يەم- خەشەك قىلىنىپ، باقمىچىلىق تەننەرخى ئەڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىدىكەن.