9-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئۈزۈم ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار ئۈزۈشنى تېزلەتتى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ۋۇگۇڭتەي بازىرى تاڭدۇن بېغى ئۈزۈمچىلىك دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپى بۇ يىل ئۆستۈرگەن ئۈزۈمنىڭ مو بېشى مەھسۇلات مىقدارى 1500 كىلوگىرامغا يېتىپ، ئاساسلىقى ھىندونېزىيە، مالايسىيا، تايلاند، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلدى، بۇ يىللىق سېتىش سوممىسى 22 مىليون يۈەن ئەتراپىدا بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قۇتۇبى ناھىيەسى جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، ئۈزۈمچىلىكنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، «شىركەت +ھەمكارلىق كوپىراتىپى+دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوراش-قاچىلاش، سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن كەسپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، يېڭى ئۈزۈملەر ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، دېھقانلار ئۈزۈشنى تېزلەتتى.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 2-كۈنى، دېھقان ئۈزۈمنى قاچىلاپ توشىماقتا.
تاۋ ۋېيمىڭ فوتوسى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئۈزۈم توشۇشىغا ياردەملەشتى.
لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
يېقىندا، سانجى شەھەرلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە سەنگۇڭ بازىرى نەنتۇگۇڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر سودا ساراي، تاللا بازىرى، توپ سېتىش سودىگىرى بىلەن پائال ئۇدۇللىشىپ، ئېتىزغا بېرىپ ئۈزۈم ئەكىلىپ دېھقانلارنىڭ ئۈزۈمنى سېتىشى، ھوسۇل ئېلىشىغا ياردەم بەردى. نۆۋەتتە بۇ كەنتنىڭ 4500 مو يەردىكى ئۈزۈم، شاپتۇللىرىنىڭ يېرىمى سېتىلىپ، دېھقانلارنىڭ مو بېشى كىرىمى 7000 يۈەنگە يەتتى.
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئۈزۈم قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەملەشتى.
لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
9-ئاينىڭ 4-كۈنى، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ ئۈزۈم قاچىلاپ توشۇشىغا ياردەملەشتى.
لياڭ خۇڭتاۋ فوتوسى
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.
ھازىر، قورغاس شەھىرى مۇخۇر چارۋىچىلىق مەيدانى بەخت مەھەللىسىدە تېرىلغان 900 مودىن ئارتۇق ئۈزۈم ئارقا-ئارقىدىن پىشتى، بۇ يەر يەنە «جۇڭگو قىزىل ئۈزۈم ماكانى» دەپمۇ تەرىپلەندى. شىنجاڭ ئىلى چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى باشىجيەن فاڭزى چېگرا ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرى «پارتىيە ئەزالىرى، خەلق ساقچىلىرى دېھقانلارغا ياردەم بېرىش تارماق ئەترىتى» تەشكللەپ، ئۈزۈمزارلىققا كېلىپ دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۈزۈمنى ۋاقتىدا ئۈزۈپ سېتىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ۋاڭ پېڭفېي، شۈ ياڭ فوتوسى، خەۋىرى
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.
8-ئاينىڭ 31-كۈنى، خەلق ساقچىلىرى دېھقانلارنىڭ ئۈزۈم ئۈزۈشىگە ياردەم بەرمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن تەرجىمە قىلىندى