باش كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ باغراش ناھىيەسى تەۋەسىدىكى باغراش كۆلىنىڭ قومۇشلۇق، سۇلۇق يېرىدە ئوت ـ چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، قومۇشلار يەلپۈنۈپ تۇرغان بولۇپ، مەنزىرىسى سۈرەتتەك گۈزەل ئىدى.
باغراش كۆلى ئېلىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى بولۇپ، سۇ كۆلىمى 1646 كىۋادرات كىلومېتىر، كۆل ئەتراپىدا تۇتاش كەتكەن قومۇش بار بولۇپ، قومۇشنىڭ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 200 مىڭ توننىغا يېتىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، سۇلۇق يەرنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۈنئىي ئۇسۇلدا قومۇش يېتىشتۈرۈش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا، تېرىلغۇدىن ئوتلاققا قايتۇرۇش قاتارلىق قوغداش تەدبىرلىرىنى سىجىل يولغا قويۇش ئارقىلىق، باغراش كۆلىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، قۇشلارنىڭ كۆچۈش جەريانىدا توختايدىغان، ئوزۇقلۇق ئىزدەيدىغان، كۆپىيىدىغان ماكانىغا ئايلاندى.
ئاپتور: نيەن لېي
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى