8-ئايدا، شىنجاڭ ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسىدە، بىر توپ «ئۇزۇن تۇمشۇق زېرەكچاق» ئاق بەل قوشۇق تۇمشۇق لايخورەك كۆكتوقاي سۇلۇق يېرىدە ئەركىن ئويناپ، ئوزۇق ئىزدىمەكتە. ئاق بەل قوشۇق تۇمشۇق لايخورەك ياز پەسىللىك قۇشقا تەۋە بولۇپ، ھەر يىلى 4-ئايدا شىمالغا ئۇچۇپ بېرىپ كۆپىيىدۇ، 10-ئايدىن كېيىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىغا قايتىپ قىشنى ئۆتكۈزىدۇ. ئادەتتە كىچىك توپ بولۇپ ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىنتايىن ھوشيار كېلىدۇ، ئاساسلىقى قۇلۇلە قېپى تۈرىدىكىلەر، يۇمشاق تەنلىك ھايۋانلار، پارازىت قۇرت، ھاشاراتلارنى ئوزۇق قىلىدۇ، كىچىك بېلىق ۋە كىچىك قىسقۇچپاقىلارنىمۇ چوقۇپ يەيدۇ، دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان ھېسابلىنىدۇ.
كۆكتوقاي سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ يېرى كەڭ، چوڭ كۆلەمدىكى سازلىق ئاق بەل قوشۇق تۇمشۇق لايخورەكنى يېتەرلىك ئوزۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇمۇ ئۇنىڭ بۇ يەردە ياشاپ كۆپىيىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قابا ناھىيەسى سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، سۇلۇق يەر ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئاپتورلار: ۋېي زىيۈن، جاڭ يىڭۋېي
ئاپتورلارنىڭ خىزمەت ئورنى: قابا ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش