يېقىندا، باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسىدىكى لازا تېرىقچىلىق بازىسىغا بارغىنىمىزدا، تال-تال قىپقىزىل لازىلار قۇياش نۇرىدا كۆزنى ئىنتايىن قاماشتۇراتتى، كەنت ئاھالىلىرى ئېتىز بېشىدا ئالدىراش بولۇپ، دانىسى چوڭ، ئەتلىك لازىلارنى تاللاپ، ئۈزۈپ، ئوراپ قاچىلاپ، سودا بازىرىغا ئاپىرىشقا تەييارلاندى.
باغراش ناھىيەسىنىڭ تاۋۇن جۆگۈن يېزىسىدىكى كۆكتات سودا بازىرى كۆكتات توشۇپ كەلگەنلەر، جىڭلاشنى ساقلاپ تۇرغانلار، لازا سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىپ كېتىپ تۇرغان ئاپتوموبىللار بىلەن ناھايىتى قىزىپ كەتكەنىدى.
«مەن بۇ يىل بەش مو يەرگە لازا تېرىدىم، ھەر مو يەردىن بەش توننا ئەتراپىدا ھوسۇل ئالالايمەن، بۇ يىل يەنە مول ھوسۇللۇق بىر يىل بولدى» دېدى باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسى تاۋۇن جۆگۈن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ شېڭمىن كۈلۈپ تۇرۇپ.
باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات ھەيئىتى يۈەن چياڭ مۇنداق دېدى: «بىز لازا كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇشنى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم تۇتقىسى قىلدۇق، كېيىنكى قەدەمدە، بىز تەشۋىقاتنى داۋاملىق ياخشى قىلىپ، خاس تېرىقچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يولىنى تېخىمۇ كېڭەيتىمىز.»
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باغراش ناھىيەسى يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، سورت كىرگۈزۈش، بازا قۇرۇش، تېخنىكا ئۆگىنىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، خاس يېزا ئىگىلىكى، سەرخىل يېزا ئىگىلىكىنى پائال يېتىشتۈردى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى. پۈتۈن ناھىيەنىڭ لازا تېرىلغۇ كۆلىمى 80 مىڭ مودىن ئاشتى، لازا يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان چوڭ كەسىپكە ئايلىنىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يۆگىمە رەسىمنىڭ ئاستا-ئاستا ئېچىلىشىغا كۈچ قوشتى.
(باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ناۋ يۇڭجۈن، ياڭ بېيلەن)
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش