7-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئېنېرگىيە گۇرۇھى قومۇل يەندۇن شامال−يورۇقلۇق ئۆزئارا تولۇقلايدىغان ئېلېكتىر ئىستانسىسىدا، خىزمەتچى خادىملار فوتوۋولتلۇق توك چىقىرىش رايونىنى كۈندىلىك چارلاپ تەكشۈرۈش خىزمىتى قىلماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
7-ئاينىڭ 26-كۈنى، قومۇل جۇڭچې يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتور چەكلىك شىركىتىنىڭ ئىشچىلىرى سېختا شامالدۇرغۇچ ئۈسكۈنىلىرى ئىشلەپچىقارماقتا.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
7-ئاينىڭ 16-كۈنى، ساياھەتچىلەر «شېرىن ساياھەت» 16-نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇنى بايرىمىدا قومۇل قوغۇنىنى سۈرەتكە تارتماقتا.
لى خۇا فوتوسى
G7 بېيجىڭ-شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى بىلەن G30 ليەنيۈنگاڭ-قورغاس يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنىڭ قومۇل ئۆتۈشمە ئىستېرېئولۇق كۆۋرۈكىگە نەزەر (7-ئاينىڭ 25-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
7-ئاينىڭ 24-كۈنى، بىر ئوق پويىز لەنجوۋ-شىنجاڭ گاۋتيېسى قومۇل پەۋقۇلادە چوڭ كۆۋرۈكىدىن ئۆتمەكتە.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونىدىن بىر كۆرۈنۈش (7-ئاينىڭ 24-كۈنى تارتىلغان).
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋېي يۇڭگۇي
تومۇزدا قومۇلنىڭ ھەممە يېرىنى مېۋە-چېۋىنىڭ خۇش ھىدى قاپلاپ، ھەممە جايدا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى.
«شېرىن ساياھەت» 16-نۆۋەتلىك قومۇل قوغۇنى بايرىمى باشلاندى، قومۇل قوغۇنى كەسپى باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق 16 تۈرلۈك پائالىيەت تۈركۈمگە بۆلۈنۈپ ئۆتكۈزۈلدى؛ «قومۇل ئېنېرگىيەسى ھەققىدە سوئال» يىغىنىدا، دۆلەت ئىچىدىكى 180دىن ئارتۇق مۇتەخەسسىس، ئالىم، كارخانىچى قومۇلنىڭ ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا چارە-تەدبىر كۆرسەتتى؛ قومۇلدىن جېڭجوۋغىچە بولغان 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» قۇرۇلۇشىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈردى؛ چۆل-باياۋاندا قاتار-قاتار فوتوۋولت توك تاختىلىرى، شامال كۈچى گېنېراتورلىرى يىراققا سوزۇلغانىدى...
قومۇلدىن ئىبارەت شىنجاڭنىڭ بۇ «شەرقىي دەرۋازىسى» كىشىلەرگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلماقتا.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، قومۇل شەھىرى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىپ، قومۇلدىكى ھەر مىللەت خەلق ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتكە قەدەم قويدى؛ دۆلەت ئېنېرگىيە بازىسى بەرپا قىلىپ، «شامال، يورۇقلۇق، ئوت» ئېلېكتىر ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى يىلمۇيىل يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى؛ جابدۇق ياسىمىچىلىقى زور دەرىجىدە تەرەققىي قىلدى، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق ياسىمىچىلىق بازىسى بەرپا قىلىندى؛ يۇقىرى دەرىجىلەشكەن، كۆپ مەنبەلىك، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشقا يۈزلىنىپ، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسپى كىچىكلىكتىن زورىيىپ، ئاجىزلىقتىن كۈچەيدى؛ قومۇل دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلدى، شەرقىي تىيانشان قارلىق مۇزلۇقىنى قوغداش خىزمىتىدە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى؛ كونا ئولتۇراق رايونلار ئومۇميۈزلۈك ئۆزگەرتىلدى، گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇلدى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى...
يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، قومۇل تۇپرىقىدا بىر پارچە ھەيۋەتلىك تەرەققىيات يېڭى يۆگىمە رەسىمى نامايان بولدى.
شەرقىي تىيانشان ئاسمىنىدا بۇلۇتلار ئۇزۈپ، غالىبىيەت چوققىسى ئاستىدا زەپەر مارشى ياڭرىدى. قومۇلدىن ئىبارەت بۇ مېھىرلىك تۇپراقتا ھەر مىللەت ئامما بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىنى ئورتاق قۇرماقتا. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، قومۇلنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
«شىنجاڭ گېزىتى»دىن تەرجىمە قىلىندى
خەت ساندۇقى┊ بىز توغرىسىدا┊ ئېلان مۇلازىمىتى┊ بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ┊ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش┊ ساقلاش┊ باش بەت قىلىش┊ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش