دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش دوختۇرخانا بىلەن مەھەللە ھەمتۈرتكە بولۇپ، ئۆستۈرگۈچى ھورمۇنغا جىددىي ئىھتىياجلىق بالىنىڭ ئۆيىگە دورىنى ئۈچ سائەت ئىچىدە يەتكۈزۈپ بەردى بۈگۈن تۇرپان شەھىرىدە سىم-سىم ياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ ئالتاي ۋىلايىتىدىكى ناۋخەي شامال رايونىدا 7 بالدىن 8 بالغىچە ئۆتكۈنچى بوران چىقىدۇ 6 - ئايدىن 9 - ئايغىچە ئىچكى تەمىنلەش، سىرتقا يەتكۈزۈش جەھەتتە كۆپ تۈرلۈك رېكورت ياراتتى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش - سېتىش مىقدارىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىردەك %40كە يېقىن ئاشۇردى ۋىلايىتىمىز تەۋەسىدىكى فۇمەن نېفىتلىكىدە جەمئىي ئىشلەپچىقىرىلغان نېفىت ـ تەبىئىي گاز مىقدارى 10 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتتى 10 يىلدا ۋىلايىتىمىزنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 2.6 ھەسسە ئاشتى 10- ئاينىڭ 10- كۈنى شىنجاڭدا ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان يەرلىك ئاغرىق مىسالىدىن 82سى يېڭىدىن كۆپەيدى، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يەرلىك يۇقۇملانغۇچىدىن 375ى يېڭىدىن كۆپەيدى ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە رايون سىرتىدىن نەقلەشتۈرگەن مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %40كە يېقىن ئاشتى G315 لىنىيەسىنىڭ لوپتىن قاراقاشقىچە بولغان بۆلىكىدىكى تاشيول تۈرىدە ئاي ئاخىرىدا خېرىدار چاقىرىش، خېرىدار چىقىش تاماملىنىدۇ بۈگۈن بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمى قاتارلىق جايلاردا يامغۇر، قار ياغىدۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 12 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

گۈزەل شىنجاڭ . جانلىقلار توغرىسىدا سۈرەتلىك كىتاب | ئېگىزلىك موغىسى: يايلاققا بۇزغۇنچىلىق قىلغان دېگەن «ئاتاق»قا قېلىشنى خالىمايمەن
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-08-19 12:46:07

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ مېڭمېڭ

پېقىر ئېگىزلىك موغىسىمەن. توغرا، مەن ھەم چاشقانغا، ھەم توشقانغا ئوخشايمەن، بەدىنىم يۇمىلاق، قۇيرۇقۇم يوق، پۇتلىرىم كالتە، ئۇزۇنلۇقۇممۇ 12 ~ 19 سانتىمېتىر كېلىدۇ، قارىماققا ناھايىتى ئوماقمەن. مەن دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3100 مېتىردىن 5100 مېتىرغىچە كېلىدىغان ئېگىز- سوغۇق چىملىق، ئېگىز- سوغۇق ئوتلاق رايونىدا ياشايمەن، شىنجاڭدىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا بىزنى دائىم ئۇچرىتالايسىز.

ئېگىزلىك موغىسى. لى خۇەن فوتوسى

مېنى كىچىك چاغلاپ قالماڭ، پېقىر يوپقانمەن. مەن ئوت- چۆپ يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن، ھەر كۈنى يېگەن ئوت- چۆپلەر بەدەن ئېغىرلىقىمنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ! ئەتىياز، ياز، كۈز پەسىللىرىدە يېمەكلىكتىن غەم قىلمايمەن، لېكىن قىش كەلگەندە، بىزنىڭ كۈنىمىز تەسلىشىدۇ. كۈز كىرىپ قالدى، مەن ھازىر قىشلىق يېمەكلىكلەرنى غەملەش بىلەن ئالدىراش. ھەر كۈنى ئويغىنىپلا خۇددى «ئىشلەمچى»گە ئوخشاش، ياز پەسلىدە بۇلۇق ئۆسكەن ئۆسۈملۈكلەرنى چىشلەپ ئۈزۈپ، ئاندىن ئۇلارنى ئاپتاپقا سېلىپ قۇرۇتۇپ، ئۇۋامغا توشۇپ كېلىپ ئايرىم- ئايرىم دۆۋىلەيمەن، بۇ ئوت- چۆپلەر بىزنىڭ يېمەكلىك كەمچىل قىش پەسلىدىن ئۆتۈشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.

    گەرچە مەن ناھايىتى تىرىشىپ ماددىي ئەشيالارنى يىغىۋالغان بولساممۇ، لېكىن بەزىدە قېرىنداشلىرىم كۆپىيىپ كېتىپ، يەتمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن! بۇ ۋاقىتتا، بىز شىۋىرغانغا قارىماي سىرتقا چىقىپ يېمەكلىك ئىزدەيمىز، قىش پەسلىدە قوتازلارنىڭ تېزىكى بىزنىڭ ئوزۇقلۇق مەنبەلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. ھەي، بىزنى تېزەك يەيدىكەن، دەپ بىزدىن سەسكەنمەڭلار، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن شۇنداق قىلىمىز ئەمەسمۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوتاز ئاكامنىڭ ئاشقازىنى بىر تەرەپ قىلغان يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولۇپلا قالماي، يەنە مول سۇ تەركىبى ۋە ئوزۇقلۇق ماددىلار بار، بۇ قىش پەسلىدە ئاز ئۇچرايدىغان قۇۋۋەتلىك ئوزۇقلۇق ھېسابلىنىدۇ.

«چاشقان تۇغۇلىشىدىنلا كامار كولايدۇ» دېگەن گەپ بار، پېقىر گەرچە موغا بولساممۇ، لېكىن مەنمۇ كامار كولايدىغان «مۇتەخەسسىس». مەن ئوزۇق- تۈلۈك مول، سۇ مەنبەسىگە يېقىن جاينى تاللاپ، جەمەتىمىزدىكى موغىلار بىلەن مىچچىدە كامار توپى كولايمىز. بىزنىڭ كامار توپىمىز ئوزۇق- تۈلۈك توپلاش، ئېلىش، رازۋېدكا قىلىش، ئامباردا ساقلاش، مۇداپىئە كۆرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى بىر گەۋدىلەشتۈرگەن «ئالىي دەرىجىلىك مۇرەككەپ تۇرالغۇ». بۇ تۇرالغۇنىڭ ئادەتتە ئالتىدىن ئونغىچە كىرىش- چىقىش ئېغىزى بولۇپ، كامار يولى 10 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا ئەگرى- بۈگرى سوزۇلغان. بىز كامار يولىنىڭ يېنىغا بىر قىسىم كىچىك ئوقۇرلار ياساپ، گەندىلەرنى قويۇشقا ئىشلىتىمىز، ھېسابتا بىزنىڭ تازىلىق ئۆيىمىز؛ ياتاق ئۆيگە يۇمشاق پاخال سېلىنچا سالىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىدە ياتساق بەك راھەت؛ ئەگەر ئۆيدە بوغاز موغىلار بولسا، بىز يەنە مەخسۇس بوۋاقلارنى بېقىش ئۆيى ياساپ، بالىلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالىمىز.

    بىز مىڭ بىر جاپادا كولىغان ئۇۋىمىز نۇرغۇن كىچىك ھايۋانلارنىڭ پاناھگاھى بولۇپ قالدى. سىز جەزمەن «قۇش بىلەن چاشقاننىڭ ئۇۋىسى بىر» دېگەن گەپنى ئاڭلىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن، مېنىڭ قوشنام ئېگىز تاغ ئاق قۇشقىچى بەك ھورۇن، ئۇلار دائىم بىزنىڭ كەينىمىزدىلا سەكرەپ يۈرىدۇ، بەزىدە پۇقرانىڭ ئۆيىنى تارتىۋېلىپ، بىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆزلىرى كىرىۋالىدۇ. ئەڭ ئاشۇرۇۋەتكىنى شۇكى، بۇ قۇشلار يەنە ئۆزىنىڭ لايىھە ئۇسلۇبى بويىچە ئۆيۈمنى قايتىدىن بېزەيدۇ، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ!

ئالتۇن تاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئېگىزلىك موغىسى. لى خۇەن فوتوسى

مەن چوقۇم بىر ئىشنى ئېيتىپ قوياي: بىز ھەم ئوت- چۆپ يېيەلەيدىغان، ھەم كامار كولىيالايدىغان، ھەم تۇغۇمچان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بىزنى ئوتلاقنىڭ چېكىنىشىدىكى باش جىنايەتچى دەپ قارايدۇ، لېكىن بىز بۇ ئاتاقنى ئېتىراپ قىلمايمىز!

بىز گەرچە ئوت- چۆپ بەك يېسەكمۇ، لېكىن پەقەت ئوت- چۆپنىڭ يوپۇرمىقى بىلەن غولىنىلا يەيمىز، ئوت- چۆپ يىلتىزى يېمەيمىز، ئۇنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىمايمىز. بىزنىڭ كامار كولىشىمىز خۇددى دېھقان تاغىلىرىمىزنىڭ ھەر يىلى زىرائەتلەرنىڭ توپىسىنى بوشاتقانغا ئوخشاش، بىر قىسىم چۆپلۈكنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىشىمىز مۇمكىن، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە تۇپراقنى ئاغدۇرۇش رولىنى ئويناپ، تۇپراقنىڭ ھاۋا ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى ئاشۇرىمىز، يەنە ئازوت ئېلېمېنتىنىڭ ئايلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، بۇ ئۆسۈملۈك تۈركۈملىرىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە پايدىلىق بولۇپ، ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تېخىمۇ ياخشىلايدۇ.

    بىزنىڭ تۇغۇمچانلىقىمىزغا كەلسەك، ھەي، بۇ يەنىلا ئېگىزلىكتىكى گۆشخور ھايۋانلارنى «بېقىش» ئۈچۈن ئەمەسمۇ. قوڭۇر ئېيىق، شىزاڭ تۈلكىسى، بۆرە، تازقارا، ئىتالغا ... ھەتتا قارا بويۇن تۇرنىلار مېنى كۆرسە يىرتقۇچلاردەك خىرىس قىلىپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ كېتىدۇ، شۇڭا مەنمۇ «ئېگىزلىكتىكى گۈرۈچ دېنى» دەپ ئاتىلىپ قالغان. دەل مۇشۇنداق غايەت زور ئوۋلىنىش بېسىمىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، بىزنىڭ جەمەتىمىزدىكىلەر بولۇشىغا تۇغىمىز! ھەر يىلى 4- ئايدىن 8- ئايغىچە بولغان ۋاقىت بىزنىڭ كۆپىيىش مەزگىلىمىز بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ 10 ئاي قورساق كۆتۈرۈشىدىن پەرقلىق ھالدا، بىزنىڭ بوغازلىق مەزگىلىمىز پەقەت بىر ئاي، بىر قېتىمدا ئۈچتىن ئالتىگىچە تۇغىمىز.

    ئىلگىرى ئىنسانلار بىزدىن ناھايىتى يىرگىنەتتى، بىزنى زىيانداش ھايۋان دەيتتى، لېكىن ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن ئالىم، مۇتەخەسسىسلەر بىزگە بولغان خاتا چۈشەنچىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئوتلاقنىڭ چېكىنىشى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەقىقىي ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، دەپ قارايدىغان بولدى. يەنە بىزنى ئېگىزلىك ئېكولوگىيە ئۆزگىرىشىنىڭ «كۆرسەتكۈچ چىرىغى»، چىڭخەي- شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ياخشى ئايلىنىشىنى ساقلايدۇ، دېدى.

قانداق، بۇ چۈشەندۈرۈشنى ئاڭلاپ، ماڭا بولغان خاتا چۈشەنچىڭىز تۈگىگەندۇ! ئوماققىنە مېنى تېخىمۇ ياخشى كۆرۈپ قالدىڭىزمۇ- قانداق؟

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش