دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىنى ئىلمىي تەكشۈرۈپ، ئېگىزلىك سۇ ئېكولوگىيەسىدىكى «مىكرو دۇنيا»نىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدىنىش
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-08-09 11:39:39

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىنىڭ، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار لى جىنفېڭ، چېن جيې، تيەن جۇڭچۇەن) چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ كۆز يەتكۈسىز مەنبەسىنىڭ سىرى كۆپ. نۇرغۇن كىشىنى يەرشارىنىڭ «ئۈچىنچى قۇتۇپى»دىكى قارلىق تاغ، مۇزلۇق، يايلاق، دەريا-ئېقىن، ئۇچار قانات ۋە ھايۋانلار جەلپ قىلغاندا، چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسىنى ئىلمىي تەكشۈرىدىغان بەزى ئەترەت ئەزالىرى لەيلىمە ئۆسۈملۈك، سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋان قاتارلىق ئۇششاق جانلىقلارنى ئىزدەشكە كىرىشىپ، ئېگىزلىك سۇ ئېكولوگىيەسىدىكى «مىكرو دۇنيا»نىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى لۇدەن لەيلىگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى

2022-يىلى چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسىنى ئۇنىۋېرسال ئىلمىي تەكشۈرۈشتە، چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسى ۋە سۇ مۇھىتى ئەھۋالى ئىلمىي تەكشۈرۈش، كۆزىتىشتىكى مۇھىم نۇقتا قىلىندى. ھەر بىر ئورۇندىكى ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىغا بارغاندا، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىن كەلگەن «90-يىللاردا تۇغۇلغان» ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئايال ئەزاسى لى لۇدەن بوتۇلكا سېلىپ، تور يېيىپ، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغىۋالدى ياكى يېپىشقان ئاساسىي ماددىدىن چوتكا ئارقىلىق يۈسۈنلەرنى ئېلىپ چىقتى ۋە ياكى دەريا قىنىنىڭ تېگىدىن ئاناتومىيە تەخسىسىگە يىغىلغان ماددىلاردىن سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنى تاللاپ ئالدى.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى يۈسۈنلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۇ مەنبەسى ئېكولوگىيەسىدىكى لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر، لەيلىگۈچى ھايۋانلار، سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلار، يۈسۈنلەر لى لۇدەننىڭ بۇ قېتىمقى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە دىققەت قىلىدىغان تەتقىقات ئوبيېكتى. سۇ ئاستى ھايۋانلىرىنى كۆز بىلەن كۆزەتكىلى ۋە ئايرىپ چىققىلى بولغاندىن باشقا، لەيلىمە جانلىقلارنىڭ گەۋدىسى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، پەقەت نەق مەيداندا ئەۋرىشكە ئېلىپ مۇقىملاشتۇرۇپ، ئاندىن تەجرىبىخانىدا مىكروسكوپ ئارقىلىق تەپسىلىي كۆزىتىپ تەتقىق قىلغىلى بولىدۇ. بۇ ئىلمىي تەكشۈرۈش تەتقىقاتى شۇڭلاشقا ئەترەت ئەزالىرى تەرىپىدىن «كۆز ئىقتىدارىنى سىنايدىغان ئىلمىي تەتقىقات ۋەزىپىسى» دەپ ئاتالدى.

«ئۇلارنىڭ تېنى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، لېكىن سۇ ئېكولوگىيەسىدە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ». لەيلىمە جانلىقلارنى تەتقىق قىلىۋاتقىنىغا يەتتە يىلدىن ئاشقان لى لۇدەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر تەرەپتىن، لەيلىمە جانلىقلار بېلىقلارنىڭ ئوزۇقى، سۇدىكى ئوزۇقلۇق زەنجىرىنىڭ ئاساسى؛ يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ جانلىقلار سۇ مۇھىتى سۈپىتىنىڭ كۆرسەتكۈچى بولۇپ، سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى بىۋاسىتە ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى لى لۇدەن سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى

ئۇزۇن يىللىق دەريا مەنبەسى ئىلمىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىدا نۆۋەتتە لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 40 خىلدىن، سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ تۈرى 30 خىلدىن ئاشىدىغانلىقى بايقالغان. «ئېگىزلىكتىكى سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەن بولۇش، ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش قاتارلىق تەبىئىي شارائىت ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرىدە، دەريا مەنبەسىدىكى سۇ جانلىقلىرىنىڭ تۈزلەڭلىك رايونلاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا تۈرى ئاز، زىچلىقى تۆۋەن.» لى لۇدەن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىدىكى لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر دىئاتوم يۈسۈننى ئاساس قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېگىزلىكتىكى ئالاھىدە تۈر بولۇپ، دەريا مەنبەسىنىڭ مۇھىم جانلىقلار بايلىقى ۋە گېن ئامبىرى ھېسابلىنىدۇ.

دالىدا ئىلمىي تەكشۈرۈشتە، ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى خەن چېڭ سۇ سۈپىتىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈشنى تاماملاش بىلەن بىللە، سەپدىشى لى لۇدەننىڭ تور يېيىپ ئەۋرىشكە ئېلىشىغا ياردەم بەردى. «سۇ ئېكولوگىيەسىدە، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىمۇ سۇ سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئۆلچەم.» ئىلمىي تەكشۈرۈشتە سۇ مۇھىتىنى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدىغان خەن چېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىدىكى سۇ سۈپىتى ئومۇمەن Ⅰ-Ⅱ تۈر بويىچە ساقلاندى، گەرچە چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسى رايونىدىكى لەيلىمە ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارنىڭ سانى كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن كۆپ خىللىق كۆرسەتكۈچى نىسبەتەن يۇقىرى بولدى، «<مىكرو> ساغلام بولغاندىلا، چاڭجياڭ دەرياسى مەنبەسى سۇ ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ئايلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ».

7-ئاينىڭ 24-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتى سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى

   ھەربىر ئەۋرىشكە ئېلىش نۇقتىسىدا بىر يۈرۈش ئەۋرىشكە ئېلىش، ئايرىش تەرتىپى تاماملىنىدۇ، لى لۇدەن بىلەن سەپداشلىرىنىڭ ماسلىشىشىغا ئاز دېگەندىمۇ يېرىم سائەت ۋاقىت كېتىدۇ. ئەۋرىشكە ئېلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كۆز تورلىشىپ پۇت ئۇيۇشۇپ كېتىش نورمال ھالەتكە ئايلانغان.

«گەرچە ئىلمىي تەكشۈرۈشتە ئەۋرىشكە ئېلىش جەريانى بىرقەدەر زېرىكىشلىك بولسىمۇ، لېكىن مىكروسكوپ ئاستىدا ھەر خىل شەكىلدىكى ئۆزگىچە يۈسۈنلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ، بەزىلىرى بەش بۇرجەكلىك يۇلتۇزغا ئوخشايدۇ، بەزىلىرى قامچا تۈكىدەك بولۇپ، كىشىنى كۈچلۈك ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ.» لى لۇدەن مۇنداق دېدى: ھازىر چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىدىكى «مىكرو دۇنيا» تەتقىقاتىدا يەنە نۇرغۇن بوشلۇق ۋە يېشىشنى كۈتۈپ تۇرغان سىر بار، بۇ بىزنىڭ بىر ئۆمۈر ئىزدىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. (يېزىشقا قاتناشقۇچى: شياۋ يىجيۇ)

7-ئاينىڭ 26-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىنىڭ ئەزاسى يۈسۈنلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى

8-ئاينىڭ 3-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەجرىبىخانىسىدا، پەن تەتقىقات خادىمى چاڭجياڭ دەرياسى مەنبە رايونىدىن يىغىۋېلىنغان يۈسۈنلەرنىڭ ئەۋرىشكىسىنى باھالىماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى
7-ئاينىڭ 25-كۈنى، چاڭجياڭ پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي تەكشۈرۈش ئەترىتىدىكىلەر سۇ ئاستىدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئەۋرىشكىسىنى يىغماقتا.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شياۋ يىجيۇ فوتوسى
مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش