دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

مىڭ كىشى سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كەسكىن مۇسابىقىلەشتى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:ئانار بۇلۇتۋاقتى:2022-08-04 20:17:02

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۇاڭ شىڭ) 7- ئاينىڭ 31- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دىن ئاشقاندا، قۇياش قېلىن بۇلۇت قاتلىمىنى يېرىپ چىقتى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن مىڭ ماھىر 2022- يىللىق سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

 «ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇ ھاياتىمدىكى تۇنجى مەيدان پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى بولدى. گۈزەل سايرام كۆلىدە <تۇنجى> مارافونچە يۈگۈرۈشكە جەڭ ئېلان قىلالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن ھاياجانلاندىم، ھەممە مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىنمۇ گۈزەل ئىكەن.» دېدى بېيجىڭدىن كەلگەن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى خۇا ياپىڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

مىڭ كىشى 2022- يىللىق سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ فوتوسى

  سايرام كۆلى مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسى ئۇدا تۆت نۆۋەت مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە «جەلپكار سايرام. ئېكولوگىيە مارافونچە يۈگۈرۈش» باش تېما قىلىنغان، جەمئىي ئۈچ مۇسابىقە بۆلىكى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش (42.195 كىلومېتىر)، يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش (21.0975) ۋە قىسقا مارافونچە يۈگۈرۈش (بەش كىلومېتىر) دەپ ئايرىلدى. ئاممىنى قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن، مۇسابىقە تەشكىلىي كومىتېتى مۇسابىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋاقتىنى بوشىتىپ، پۈتۈن مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش ۋاقتىنى يەتتە سائەتكە، يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش ۋاقتىنى تۆت سائەتكە ئۇزارتتى، تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتناشقان نۇرغۇن يۈگۈرۈش ھەۋەسكارى مۇسابىقىنى ئاسانلا تاماملىدى. 

ماھىرلار كۆل ئايلانما تاشيولىدا يۈگۈرمەكتە.

ئىختىيارىي مۇخبىر سۈن يۈشىن فوتوسى

   سايرام كۆلىنىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچى مۇسابىقىگە قاتنىشىشتا «بىر بېلەتكە ئېرىشىش تەس» بولۇش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، 1000 سانغا توردا تىزىملىتىش يولى ئېچىلىپ بىر سائەت ئىچىدىلا سان توشتى. «كېلەر يىلى، مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانىنى 1500دىن 2000گىچە كۆپەيتىمىز» دېدى سايرام كۆلى داڭلىق مەنزىرە رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ساياھەت تەرەققىياتىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شۈ لېي مۇخبىرغا. 

   خېنەن جېڭجوۋلىق تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى جېڭ بىڭيىڭنىڭ سايرام كۆلى مۇسابىقىسى سەپىرى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە بولدى، «بۈگۈن بۇ 21 كۈنلۈك شىنجاڭ سەپىرىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى. ئاينىڭ بېشىدا مۇسابىقىگە قاتنىشىشقا تىزىملاتقاندىن كېيىن، شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشنى قارار قىلدىم، ئۈرۈمچىدىن كۆكتوقايغا، ئاندىن قاناس ۋە موگۇيچېڭغا، ئاخىرىدا سايرام كۆلىگە باردىم، ھەر بىر جايدا ئوخشىمىغان گۈزەللىك بار ئىكەن، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈندە يېرىم مۇساپىلىك مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ناھايىتى خوشال بولدۇم.»

چەي پىڭئەن (سولدىن 1-كىشى) ۋە نەۋرىسى جۇڭ زېرۈي (سولدىن 2-كىشى) بىرلىكتە مۇسابىقىگە قاتناشتى. ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خۇاڭ شىڭ فوتوسى

   «مەن يۈگۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىمەن، سايرام كۆلىدە مارافونچە يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىشنى تەقەززالىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانىدىم، تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى كۆرۈپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن تىزىملاتتىم.» شىخەنزىدىن كەلگەن دوختۇر چەي پىڭئەن 12 ياشلىق نەۋرىسى جۇڭ زېرۈينى باشلاپ مۇسابىقىگە قاتناشتى، «نەۋرەم كىچىك ۋاقتىدا تەنھەرىكەتكە بەك ئامراق ئىدى، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ ئۆگىنىش بېسىمى بەك ئېغىر، ھەرىكىتى ئاز بولدى. بۇ قېتىم ئۇنى باشلاپ دالا ھەرىكىتىنىڭ گۈزەللىكىنى بىرگە ھېس قىلدىم، ئۇنىڭ تەنھەرىكەتنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» دېدى. 


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش