دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش تولۇق قاپلىدى، «بۇلۇت» تېرمىنالى كۈچەپ، باشقۇرۇش ـ قوغداشقا ياردەم قىلدى مەملىكەت بويىچە ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى 7- نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسىنى كېچىكتۈرۈپ ئۆتكۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش 796 ئىلتىماس ـ تەلەپ تاپشۇرۇۋېلىندى، بىر تۈركۈم مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇقتىلىق ساھەلەردە ئىشلەپچىقىرىش، قۇرۇلۇش توختاپ قالمىدى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاقماقتا. سۈرەت① | ئېگىز قىساڭدا كۆل ھاسىل بولدى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تيانشان تورىۋاقتى:2022-08-04 20:15:06

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنىگە بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

  ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى شىنجاڭدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەكەن ناھىيەسى بىلەن قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاقتۇ ناھىيەسى تۇتاشقان جايدا، بۇ قۇرۇلۇش يەكەن دەرياسى غول ئېقىنىنىڭ تاغلىق رايون تۆۋەن بۆلىكىگە جايلاشقان تىزگىنلەش خاراكتېرلىك سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئاساسلىق ۋەزىپىسى تارىم دەرياسىنى ئېكولوگىيەلىك سۇ بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش شارائىتىدا، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، سۇغىرىش، توك چىقىرىش قاتارلىق ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرۇش.

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى سۇ بىلەن تەمىنلەيدىغان زاڭگۇي سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا بوشلۇقتىن نەزەر (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى يەكەن ناھىيەسى قوشراپ يېزىسى ئاراتاش كەنتىگە بوشلۇقتىن نەزەر. ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، «كەنتتىكى ھەممە ئاھالە كەلكۈن مەزگىلىدە مۇداپىئەلىنىشكە چىقىدىغان، ئۆي-ھويلىلىرىدىن بىخەتەر جايغا چېكىنىدىغان» ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى ئەتراپىدىكى ئوزۇق ئىزدەۋاتقان تۆگىلەر.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاراتاش سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ ئىچكى كۆرۈنۈشى.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، يەكەن دەرياسى ۋادىسىدىكى يەكەن ناھىيەسى قوشراپ يېزىسى ئاراتاش كەنتى.  ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، «كەنتتىكى ھەممە ئاھالە كەلكۈن مەزگىلىدە مۇداپىئەلىنىشكە چىقىدىغان، ئۆي-ھويلىلىرىدىن بىخەتەر جايغا چېكىنىدىغان» ھالەتكە خاتىمە بېرىلدى.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

7-ئاينىڭ 25-كۈنى، تارىم دەرياسى ۋادىسىدا چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇنىڭ يۈرۈش قىلىش شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىنىڭ مۇخبىرلىرى يەكەن ناھىيەسى قوشراپ يېزىسى ئاراتاش كەنتىدە زىيارەت قىلماقتا.

مۇخبىر زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش