دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

چوڭ تىپتىكى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت — شىنجاڭ ياخشى جاي» شەنبە كۈنى تۇنجى مەيدان قويۇلىدۇ!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-08-01 13:00:49

    دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك تۈزۈش ۋە ئىجاد قىلىش كوللېكتىپىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىجاد قىلىنغان ۋە رېپېتېتسىيە قىلىنغان، 200دىن ئارتۇق ناخشىچى، ئۇسسۇلچى، مۇزىكانتنى تەشكىللەپ، تۆت ئاي يېپىق ھالەتتە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈش ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، شۇنداقلا يېرىم يىلغا يېقىن تەييارلىق كۆرۈش ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلگەن، بىر مەيدان چوڭ تىپتىكى مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر، رەسىم ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنى «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت  شىنجاڭ ياخشى جاي» پات ئارىدا كۆپچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ!

ئويۇندىكى سەرخىل مەزمۇنلارنى ئالدىن بىلىۋېلىڭ

    بۇ ئويۇندا ئۇسسۇل، ناخشا، ئوركېستىر، مۇزىكىلىق تىياتىر، مۇزىكىلىق شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل بەدىئىي ئىپادىلەش شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مۇقەددىمە، «تىيانشاندىكى لەرزان ئۇسسۇل»، «يېڭى يىپەك يولىدىكى ناخشا ساداسى»، «تەسىرلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ھېسسىياتى»، «كوئېنلۇنغا مۇھەببەت سىمفونىيەسى»، خاتىمەدىن ئىبارەت ئالتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، پۈتۈن مەيدان ئويۇن تەخمىنەن 90 مىنۇت داۋاملىشىپ، نادىر نومۇرلار ئورۇنلىنىدۇ.

«جۇلا» ئۇسسۇلىدىن كۆرۈنۈش

ليۇ پېڭ فوتوسى

    ئويۇن مەزمۇنىدا 13-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئۇسسۇل «نېلۇپەر مۇكاپاتى» مىللىي خەلق ئۇسسۇلى ئالتۇن مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئەسەر «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت»، ئون ئىككى مۇقامنىڭ كىلاسسىك بۆلىكى «جۇلا»، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى قىزىل مىڭئۆي سەنئىتىنىڭ جەۋھىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن «كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى»، دۇنيا دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى «ماناس» ئېيتىش قاتارلىقلار بار بولۇپ، كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ يېڭىدىن تۈزۈلگەن نۇسخىلىرى، شۇنداقلا يېڭىلىق يارىتىلغان نومۇرلارمۇ بار.

داپ ماھارىتى

ليۇ پېڭ فوتوسى

    بۇ قېتىمقى ئويۇندا ئېلېكتىرلىك ئاۋاز ئېلىش شەكلى بۇزۇپ تاشلىنىپ، ئۇسسۇل، ناخشا-مۇزىكا، تىياتىر، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىشنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ئوركېستىر نەق مەيداندا تەڭكەش قىلىدۇ، كۆپ خىل سەنئەت شەكلىنى بىرىكتۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە مەزمۇن جەھەتتىكى موللۇقى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇ خىل لايىھە شىنجاڭ ناخشا، ئۇسسۇل، مۇزىكىلىرىنىڭ ئەسلى ئىپادىلىنىش شەكلى ۋە كۈچلۈك سەنئەت ئەمەلىي كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە نامايان قىلىدۇ.

«كۈسەن مۇزىكا- ئۇسسۇللىرى»دىن كۆرۈنۈش.

ليۇ پېڭ فوتوسى

ئىجاد قىلىش، ئورۇنلاش قوشۇنى كۈچلۈك

    بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنىڭ باش رېژىسسورى دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسور شىڭ شىمياۋ بولۇپ، ئىلگىرى توققۇز قېتىم چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنىڭ ئۇسسۇل باش نازارەتچىسى، چوڭ تىپتىكى ئىجادىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»نىڭ باش رېژىسسورلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان؛ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك سېنارىست، چوڭ تىپتىكى سېرك ناخشا-ئۇسسۇل ئويۇنى «تاغ-دەريالار خۇددى رەسىمدەك گۈزەل»نىڭ باش رېژىسسورى گاۋ شەن بۇ قېتىمقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئويۇنىنىڭ ئۇسسۇل باش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى؛ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك ئۇسسۇل لايىھەلىگۈچى، جۇڭگو سەھنە گۈزەل سەنئەت ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن جەمئىيەت باشلىقى ليۇ ۋېنخاۋ چىراغ نۇرى لايىھەلەش باش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

باش رېژىسسور شىڭ شىمياۋ.

    مەركىزىي مىللىي ئوركېستىرنىڭ باش دىرىژورى ليۇ شا ئوركېستىرنىڭ دىرىژورلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تەكلىپ قىلىندى، دۆلەتلىك دىراما يۇرتىنىڭ رېژىسسورى بەي خاۋتيەن تىياتىر باش نازارەتچىسىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى، داڭلىق كىيىم لايىھەلىگۈچى ئاكۈەن كىيىم لايىھەلىگۈچىلىكنى ئۈستىگە ئالدى، داڭلىق كۆپ ۋاسىتىلىك سىن لايىھەلىگۈچىسى ياڭ دۇڭلياڭ كۆپ ۋاسىتىلىك لايىھەلىگۈچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

«ماناس» ئېيتىش.

دوۋ شىنجۈن فوتوسى

    پۈتۈن شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىسلار جەم قىلىنىپ، يېپىق ھالەتتە يىغىپ مەشىقلەندۈرۈلدى ۋە تاللاندى، ئوركېستىرنىڭ كانايلىق چالغۇلار ئويۇنى بۆلىكىگە سىچۇەن ئۆلكىلىك سىمفونىيە ئوركېستىرىدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىسلار ياردەمگە تەكلىپ قىلىندى، شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى ئويۇنغا قاتناشقان ئارتىسلارنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ مۇنەۋۋەر ئارتىسلىرى.

    بۇ ئويۇن شىنجاڭنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەدەبىيات-سەنئەت ئىشلىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ، ناخشا-ئۇسسۇل تىلى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ گۈزەل ئوبرازىنى ئومۇميۈزلۈك ئىپادىلەپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ روھىي قىياپىتىنى ھەرتەرەپلىمە، تولۇق كۆرۈنۈشتە نامايان قىلىدۇ.

    بىز بىرلىكتە تىياتىرخانىغا كىرىپ نەچچە مىڭ ئادەم ئورتاق تىرىشىپ بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ كاتتا سەھنە زىياپىتىدىن ھۇزۇرلىنايلى!

ئويۇن ئۇچۇرى

    بۇ قېتىمقى ئويۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە قويۇلغاندىن كېيىن، داۋاملىق تۈردە گۇاڭجوۋ، شېنجېن، خاڭجوۋ، جىنخۇا، بېيجىڭ، شىجياجۇاڭ، تيەنجىندە سەييارە قويۇلىدۇ.

    سەييارە ئويۇن قويۇش مەزگىلىدە گۈزەل شىنجاڭنى نامايان قىلىدىغان فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، شىنجاڭ سوۋغات بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى سەر خىل ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى ماس قەدەمدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت  شىنجاڭ ياخشى جاي» جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەيدىغان، شىنجاڭنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىدىغان، شىنجاڭنىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىدىغان كاتتا سەھنە زىياپىتى بولۇپ قالغۇسى.

«جۇلا» ئۇسسۇلىدىن كۆرۈنۈش.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش