دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش بويىچە شىنجاڭغا نەزەر| يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-07-26 18:04:43
شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسى ياۋا يېزىسى قوغداي كەنتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى. (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى تارقاتقان ئابلىز مۇرات فوتوسى)

  مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 20- كۈنى قاراقاشتىن بەرگەن خەۋىرى (مۇخبىر لو چېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر خۇي فېڭلېي) تومۇزدا، شىنجاڭ قاراقاش ناھىيەسىنىڭ ياۋا يېزىسى قوغداي كەنتى ساياھەت يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى، تەبىئىي سۇ رايونىدا سۇنىڭ سۈزۈكلۈكىدىن تېگى كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ئۇ قومۇش، ئېتىزلار بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، يىراقتىن قارىغاندا، بەئەينى بىر پارچە سۇ مەنزىرىسى سىياھ رەسىمى كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولغانىدى.


  يېقىندا، مۇخبىرلىرىمىز قوغداي كەنتىگە بېرىپ، سۇ بويىدىكى ئۈزۈم كارىدورىدا ئەمدىلا پىشقان يەرلىك ئۈزۈمنى تېتىپ، سۇ ئۈستىدىكى كىچىك ياغاچ ئۆيدە سالقىندىغاچ غىزالىنىپ، ئىستىراھەت يېزا تۇرمۇشىنى ھېس قىلدى.

ساياھەتچىلەر كاتېرغا ئولتۇرۇپ ئوينىماقتا. (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى تارقاتقان ئابلىز مۇرات فوتوسى)


  ساياھەتچى خۇي يەنزۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك سالقىن ئىكەن، بۈگۈن دوستۇم بىلەن بۇ يەردە كاتېرغا ئولتۇردۇم، سۇ ئۈستىدىكى ئاشخانىدا دېھقانلارنىڭ نۇرغۇن مەززىلىك تائاملىرىنى يەپ، ناھايىتى خۇشال ئوينىدۇق.»

  فوتو سۈرەت ھەۋەسكارى ئابلىز مۇرات مۇنداق دېدى: «مەن ئادەتتە تەبىئىي مەنزىرىلەرنى سۈرەتكە تارتىشنى بەك ياخشى كۆرىمەن، بۇ يەر ھەقىقەتەن بەك گۈزەل ئىكەن، مەن داۋاملىق فوتو ئاپپاراتىم ئارقىلىق جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تېخىمۇ كۆپ يېزا-كەنتلەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى خاتىرىلەيمەن.»

  يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش ئاچقۇچ، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ۋە كەنت «ئىككى كومىتېت»ىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، نۆۋەتتە، قوغداي كەنتى تەبىئىي سۇ رايونىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېزا-كەنت خاس ساياھەتچىلىكىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، سۈزۈك سۇ دېھقانلار ئارامگاھى بەرپا قىلدى. كەنتتە ھازىر سۇ مەھسۇلاتلىرى باقمىچىلىق رايونى، سۇ ئۈستى يېمەك-ئىچمەك رايونى، ئايرىمخانا شەكلىدىكى يېمەك-ئىچمەك مۇلازىمەت رايونى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار بار، ئۇل ئەسلىھەلەرنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەم ئېكولوگىيە قوغدالدى، ھەم ئىقتىساد تەرەققىي قىلدۇرۇلدى، بۇ شۇ جايدىكى 25 كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. سەھرانىڭ ئۆزگىچە تەبىئىي مەنزىرىسى يازدا سالقىندايدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىپ، كۈنىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋېلىندى.

ساياھەتچىلەر كاتېرغا ئولتۇرۇپ ئوينىماقتا. (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى تارقاتقان ئابلىز مۇرات فوتوسى)


 كەنت ئاھالىسى مەمتىمىن ياسىن ھازىر كەنتتىكى چوڭ ئاشپەز، ئۇ كۆمەچ ۋە بېلىق كاۋىپى پىشۇرۇشقا بەكرەك ئۇستا. «بۇ يەردە ئىشلىسەم بىر ئايدا 5000 يۈەن كىرىم قىلالايمەن، ئۆيۈمگە يېقىن، كىرىمىم يۇقىرى، ناھايىتى قولايلىق، ھازىر تۇرمۇش شارائىتىم ياخشىلاندى، كېلىدىغان ساياھەتچىلەرمۇ ناھايىتى كۆپ، كۆپچىلىكنىڭ مەن پىشۇرغان تائاملارغا بەرگەن باھاسىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، مەنمۇ ناھايىتى خۇشال.»

ساياھەتچىلەر كاتېرغا ئولتۇرۇپ ئوينىماقتا. (مەركىزىي خەلق رادىيو ئىستانسىسى تورى تارقاتقان ئابلىز مۇرات فوتوسى)

  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ قاراقاش ناھىيەسى قوغداي كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1-شۇجىسى يارمەمەت ئىسرايىل مۇنداق دېدى: چەكلىك سۇ رايونى بايلىقىدىن قانداق پايدىلىنىپ يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كەنتىمىزنىڭ يېقىنقى نەچچە يىللىق خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، ھويلا-ئارانلارنى ئۆزگەرتىش كەنت ئاھالىلىرىنى راھەت ئولتۇراقلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، يېزا-كەنت ساياھىتى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دېھقانچىلىقنىڭ ئارىسال مەزگىلىدىكى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك قىلىش بىلەن بىللە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەميېنىنى تومپايتتى. بىز ئىستىراتېگىيەنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا-كەنت ساياھىتى ئارقىلىق 1-، 2-، 3-كەسىپلەرنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، قوغداي كەنتىدىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىنى تېخىمۇ ئۇزارتىمىز، تېخىمۇ مۇقىملاشتۇرىمىز.»




مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش