دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ئېكسپېدىتسىيە قىلغۇڭىز بارمۇ؟ شىنجاڭدىكى بۇ تۆت سىرلىق جاينى كۆرۈپ باقايلى
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-06-29 12:18:27

  ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، ئىزدەشنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە ساياھەت

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەت شەكلىگە ئايلاندى

شىنجاڭنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ

ئالاھىدە ساياھەتتە پىيادە مېڭىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەش، دالىدا يۈرۈش،

تاغقا چىقىش، لەيلەپ ئېقىش، ۋېلىسىپىت مىنىش، ئېكسپېدىتسىيە قىلىش، تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقىدا ساياھەت قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپ ھالىتى شەكىللەندى

بۈگۈن

كۆپچىلىككە ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتىگە ماس كېلىدىغان بىر قانچە جاينى تەۋسىيە قىلىمەن

  بىرىنچى

  ئاتۇش تيەنمېن

  ئاتۇش تيەنمېن مەنزىرە رايونى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئاتۇش شەھىرىنىڭ ئاتۇش بازىرىغا جايلاشقان، مەنزىرە رايونىنىڭ ساياھەت ئومومىي مۇساپىسى 17 كىلومېتىر، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 76 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تيەنمېن ئاساسلىق مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2998 مېتىر كېلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: شياۋ خۇڭشۇ@ياڭ شىنيۈەن

    بۇ يەردە بىر تەبىئىي ئەگمە ئىشىك بار بولۇپ، پامىر ئېگىزلىكىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇ «∩» خېتى شەكىلدە بولۇپ، كەڭلىكى تەخمىنەن 100 مېتىر، ئېگىزلىكى 500 نەچچە مېتىر كېلىدۇ، قېلىنلىقىنى ئۆلچەش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ كۆك ئاسمان ئاستىدا، بۇلۇت، تۇمانلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ھەيۋەتلىك، خەتەرلىك، سىرلىق، جىمجىت. زور بىر تۈركۈم قىياغا يامىشىش ھەۋەسكارلىرى، ئېكسپېدىتسىيەچىلەر خۇددى كېلىشىۋالغاندەكلا بۇ يەرگە كېلىپ، «تيەنمېندىن چۈشۈش» ئېلىپ كەلگەن ھاياجان ۋە ھەيرانلىقنى ھېس قىلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: شياۋ خۇڭشۇ@ مۇقاۋا فوتوگرافى چاڭ شياۋجىڭ

    تيەنمېننىڭ تاش تېمىدا ھەرە كۆنىكىگە ئوخشايدىغان تاش ئۆڭكۈرلەر بار بولۇپ، گەپ قىلغان، تاش پارچىلىرى بىلەن چەككەندە ئەكس سادا قايتۇرىدۇ، تاش تامنىڭ سىرتقى يۈزى بىر پارچە ئاجايىپ-غارايىپ تام رەسىمىگە ئوخشايدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: شياۋ خۇڭشۇ@ مۇقاۋا فوتوگرافى چاڭ شياۋجىڭ

    ئاتۇش تيەنمېندىكى ئاجايىپ مەنزىرە سىزنىڭ بىر بېرىپ كۆرۈپ بېقىشىڭىزغا ئەرزىيدۇ، ئۇ بۇ يەردە ئۇزاق يىل جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ ئۇنىڭ بەھەيۋەت گۈزەللىكىنى ھېس قىلىشىنى كۈتمەكتە.

ئىككىنچى

دۇنيا موگۇيچېڭى

    دۇنيا موگۇيچېڭى دۆلەت 5A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى بولۇپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ غەربىي شىمال چېتىدىكى جيامۇ دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىدىكى ئورقۇ كان رايونىغا جايلاشقان، موگۇيچېڭ غەربتىن شىمالغا سوزۇلغان، شەرق-غەرب يۆنىلىشىدە بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى تەخمىنەن بەش كىلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئايلانمىسى تەخمىنەن ئون كىۋادرات كىلومېتىر، يەر يۈزىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 350 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى

    موگۇيچېڭغا كېلىپ ئېكسپېدىتسىيە قىلماقچى بولسىڭىز، سىزدە يېتەرلىك جاسارەت بولۇشى كېرەك، ھەر قېتىم تۇيۇقسىز بوران چىقىپ ھەممە يەرنى سېرىق توپا قاپلىغاندا، بوران بۇ يەردە قاينام كەبى ئايلىنىدۇ، ئېچىنىشلىق ھۇۋلىغان ئاۋاز چىقىدۇ، بۇ ئاۋاز ئالۋاستىنىڭ يىغلىغىنىغا ئوخشايدىغانلىقى ئۈچۈن «موگۇيچېڭ» دەپ نام ئالغان. مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ ئاساسلىق رايونلىرىغا ئاشىق-مەشۇقلار جىلغىسى، يىلان جىلغىسى، دۇەنچياۋ جىلغىسى، جۆچىڭ جىلغىسى، جيۇۋچۈ خۇيچاڭ جىلغىسى، ئاق تۇرنا جىلغىسى، ئېزىتقۇ جىلغىسى، بۈركۈت جىلغىسى، ليېسۈن جىلغىسىدىن ئىبارەت توققۇز چوڭ خاس جىلغا تەرتىپ بويىچە تىزىلغان بولۇپ، ھەممىلا يەردە غەلىتە، خەتەرلىك، خىلۋەت، گۈزەل مەنزىرىلەر نامايان بولىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ تۇخۇا دابەيكې real

    دۇەنچياۋ جىلغىسىدا، جىلغا ئىچىدە كۆۋرۈك بار، كۆۋرۈك ئىچىدە جىلغا بار، كۆۋرۈك قارىماققا ئۈزۈلگەندەك بىلىنسىمۇ لېكىن ئۈزۈلمىگەن بولۇپ، جىلغىنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ؛ بۈركۈت جىلغىسىدا، بۈركۈت ئەگىپ ئۇچىدۇ، خەتەرلىك چوققىلاردا ھاياتلىق داۋام ئېتىدۇ؛ ئېزىتقۇ جىلغىسىدا، قەدىمىي يول سۈلكەتلىرى جەۋلان قىلىپ، ئىرماش-چىرماش ھالەتلىرى سىزنى ئېزىقتۇرىدۇ؛ جيۇۋچۈ خۈيچاڭ جىلغىسى ئەگرى-توقاي، خىلۋەت، چوڭقۇر، تەسىرلىك.

سۈرەت مەنبەسى: شىنجاڭ تۇخۇا دابەيكې real

ئۈچىنچى

تەكلىماكان قۇملۇقى

    تەكلىماكان قۇملۇقى جۇڭگودىكى بىرىنچى چوڭ قۇملۇق بولۇپ، شەرقتىن غەربكە ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغا كەڭلىكى تەخمىنەن 400 كىلومېتىر، كۆلىمى 330 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.

    تەكلىماكان قۇملۇقىغا ئېكسپېدىتسىيەگە كېلىشتىكى ئەڭ چوڭ سەۋەب ئۇنىڭ ئۆزگىرىشچان بولغانلىقىدا. بۇ يەردە دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك قۇم دانىچىلىرى بار، مەيىن شامال قۇم دانچىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ. كۆچمە قۇم بارخانلىرىنىڭ كۆلىمى چوڭ بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر-ئىككى يۈز مېتىرغا، ئەڭ ئېگىز بولغاندا 300 مېتىرغا يېتىدۇ؛ قۇم بارخانلىرىنىڭ شەكلى تېخىمۇ ھەر خىل بولۇپ، بەزىلىرى خۇددى زېمىندا ئارام ئېلىۋاتقان غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ، بەزىلىرى ھەرە كۆنىكىگە، بەزىلىرى پەيگە، بەزىلىرى بېلىق قاسرىقىغا ئوخشايدۇ. قۇياش ئەمدىلا كۆتۈرۈلگەندە، كەچكى شەپەق غەربكە ئولتۇرغاندا، نۇر قۇم بارخانلىرى ئارىسىدا يورۇق-قاراڭغۇلۇق سېلىشتۇرمىسى كۈچلۈك، سىزىقلىرى گۈزەل بولغان ئابستراكىت رەسىملەرنى شەكىللەندۈرۈپ، كىشىنى مەپتۇن قىلىدۇ.

تۆتىنچى
لوپنۇر كۆلى

    لوپنۇر كۆلى جۇڭگو شىنجاڭ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئەڭ شەرقىي چېتىدە، دۇنيا بويىچە داڭلىق قۇرغاقچىلىق مەركىزى، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 780 مېتىر ئەتراپىدا.

سۈرەت مەنبەسى: ئا دەي 795

   شەكلى ئادەمنىڭ قۇلىقىغا ئوخشىغاچقا، «يەر شارىنىڭ قۇلىقى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، يەنە «ھالاكەت دېڭىزى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ھەر خىل مەنزىرىلەر تەبىئىي بولغان ئەسلىي قىياپىتىنى ساقلاپ قالغان بولۇپ، ھېچقانداق سۈنئىي ئىز يوق.

سۈرەت مەنبەسى: داچياۋ JOE

سىرلىق بولۇشنىڭ ئارقىسىغا ئېنىقسىزلىق ھەم يېڭىلىق يوشۇرۇنغان

 ئەگەر سىز قەلبلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بىر قېتىملىق ئېكسپېدىتسىيە ساياھىتى قىلماقچى بولسىڭىز

ئەڭ ياخشىسى شىنجاڭغا كېلىڭ!

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش