دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.6 ئاشتى شىنجاڭلىق ئوغلانلار گۇاڭشىدا ئوت ئىچىدىن ئادەم قۇتقۇزدى بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە تۇنجى قېتىم ئاساسلىق مېھمان ئۆلكە تەسىس قىلىندى ۋىلايەت «پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى خۇشال ـ خۇرام كۈتۈۋېلىش، ئونمىڭ ۋەكىل ئونمىڭ ئائىلىگە كىرىش» باش تېمىلىق ئەمەلىيەت پائالىيىتى بويىچە مەركەزلىك سەييارە لېكسىيە سۆزلەش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى ۋىلايىتىمىزدىكى تۆت كەنت 3 ـ تۈركۈمدىكى ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ـ كەنت ساياھىتىدىكى نۇقتىلىق كەنت، بازار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى ئالدىنقى يېرىم يىلدا بىڭتۇەننىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.8 ئاشتى «شىنجاڭ ياخشى ھەمراھ» جۇڭگو شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى − رۇسىيە ئالتاي چېگرا رايونى دوستلۇق - ھەمكارلىق سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى شىنجاڭ بانكا كەسپى كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى 45 دۆلەت ۋە رايون بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتتە «يېرىم يىللىق ئىشنى غەلىبىلىك ئورۇنداش»نى ئىشقا ئاشۇردى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

مۇشۇ پەيتلەردە، شىنجاڭ بەك «يېڭى»!
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-05-26 12:17:30

بوران چىقىپ، يېڭىلا يامغۇر ياغدى 
ئارقىدىنلا، قۇياش نۇرى كۈچىيىپ
شىنجاڭ تۇپرىقىدا شېرىن مېۋىلەر پىشىشقا باشلىدى


 
توقسۇن ناھىيەسىدە 
ئىسسىقلىق بايلىقى مول 

«بالدۇر پىشار ئۆرۈك ماكانى» دېگەن گۈزەل نامى بار

شا بازىرى تېتىر كەنتىدىكى بىر ئۆرۈكلۈك باغدا

بالدۇر پىشار ئۆرۈكلەر شاخلارغا تولۇپ

مەيىن شامالدا مەززىلىك ھىدى كېلىپ تۇراتتى

مەنبە: قاغىلىق ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

قاغىلىق ناھىيەسى يىتىملىقۇم بازىرى 
ئايدىڭكۆل كەنتىدە پارنىكتىكى
قىپقىزىل توغاچ شاپتۇلنىڭ رەڭگى ئوچۇق بولۇپ 
كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى قوزغايتتى 
 
بۇ كەنتتە 128 پارنىك بار بولۇپ
ئاساسلىقى كۆكتات ۋە مېۋە-چېۋە ئۆستۈرۈلىدۇ
بۇنىڭ ئىچىدە، توغاچ شاپتۇل ئۈزۈلۈپ بازارغا سېلىندى 

پىشقان مېۋىلەردىن يەنە 
تېكەس ناھىيەسى لىجيەنفېڭ دېھقانچىلىق-ئورمانچىلىق پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ 
پارنىكلىرىدىكى گىلاسلارمۇ بار بولۇپ
سانجاق-سانجاق مېۋىلىرى 
مەيىن شامالدا ئىرغاڭشىپ قىزىل مەرۋايىتقا ئوخشايتتى

ئىگىلىنىشىچە
بۇ شىركەت
يەتتە پارنىكتا پەسىلسىز چوڭ گىلاس ئۆستۈرگەن بولۇپ
ھەربىر پارنىكنىڭ مەھسۇلات مىقدارى ئىككى توننا ئەتراپىغا يېتىدىكەن
چوڭ گىلاسنىڭ سېتىلىش باھاسى ھەربىر كىلوگىرامىنىڭ 200 يۈەن بولۇپ
بىر پارنىكنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 400 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن

5-ئاي 
دەل ئۈجمە پىشىدىغان ۋاقىت
خوتەن پىلىچىلىك پەن تەتقىقات ئورنىدا
سۆسۈن رەڭلىك ئۇششاق مېۋىلەر ياپيېشىل يوپۇرماقلار ئارىسىدا غۇۋا كۆرۈنۈپ
يىراقتىن قارىغاندا كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى 

كۇچا شەھىرى 
ياقا بازىرى چېنگۇاڭ كەنتىدە
پارنىكلاردىكى كۆكتات، مېۋە-چېۋىلەر ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈش مەزگىلىگە كىردى 
ياڭجياۋمى، بوياڭ(قوغۇن)، تاۋۇز قاتارلىقلار باراڭغا لىق تولۇپ
كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى 
بۇ كەنت چوڭ-كىچىك بولۇپ جەمئىي 87 ئەگمە پارنىكتا خاس كۆكتات، مېۋە-چېۋە ئۆستۈردى 
مۆلچەرلىنىشىچە، ھەربىر ئەگمە پارنىكتىن قىلىنىدىغان كىرىم 5000 يۈەندىن ئاشىدىكەن


 مېۋە-چېۋىلەر بەك يېڭى، ئېغىز تەگدىڭىزمۇ؟

«تىيانشان تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش