دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

ياز كۈنلىرىدىكى گۈزەل مىنۇتلاردىن ھۇزۇرلىنىش
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-05-24 16:46:11

5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ساياھەتچىلەر باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ شىرىنزا يېزىسى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدىكى پۇقراۋاى قونالغۇنىڭ ھويلىسىدا سەيلە قىلماقتا. 

جاڭ جيەنگاڭ فوتوسى

   باركۆل ناھىيەسى گاۋجياخۇ سۇلۇق يەر مەنزىرە رايونىدا ئېكولوگىيە ساياھىتى، ئىستىراھەت ساياھىتى، يېمەك ـ ئىچمەك مۇلازىمىتى، خەلقنىڭ ئۆرپ ـ ئادىتىنى ھېس قىلىش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال ساياھەت كەسپى ئەندىزىسى شەكىللەندى، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يېڭى يېزا قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئۆز ئالدىغا پۇقراۋى قونالغۇ، دېھقانلار، چارۋىچىلار ئارامگاھىنى قۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

   5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر قاراماي شەھىرىنىڭ ئورقۇ كىنو ـ تېلېۋىزىيە شەھەرچىسىدە ساياھەت قىلماقتا. 5 ـ ئاي كىرگەندىن بۇيان، قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىدىكى كىنو-تېلېۋىزىيە شەھەرچىسى، مەدەنىيەت مەيدانى نۇرغۇن ساياھەتچىنى بۇ يەرگە كېلىپ ساياھەت قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلدى.

تيەن گوجيەن فوتوسى

5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ساياھەتچىلەر قاراماي شەھىرى ئورقۇ رايونىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى ۋۇجېن بازىرىدا دۇمباق چالماقتا.

تيەن گوجيەن فوتوسى

 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى باغراش ناھىيەسىدىكى قايدۇ دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت مەنزىرە رايونىدا ۋېلىسىپىت مىنمەكتە.

چۆ. خۇرە فوتوسى

   5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، 12- قېتىملىق «جۇڭگو ساياھەت كۈنى»، بۇ يىلقى باش تېما «جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش، گۈزەل سەپەردىن ھۇزۇرلىنىش» . باغراش ناھىيەسى «مەدەنىي ساياھەت قىلىش، تۆۋەن كاربونلۇق سەپەرگە چىقىش» پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلىرىدىن كەلگەن 30دىن ئارتۇق ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. 

 5- ئاينىڭ 19- كۈنى، ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرى باغراش ناھىيەسىدىكى قايدۇ دەرياسى ئېكولوگىيە مەدەنىيەت مەنزىرە رايونىدا ۋېلىسىپىت مىنمەكتە (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان).

چۆ. خۇرە فوتوسى

 5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئارتىسلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

باۋ لياڭتىڭ فوتوسى

   5-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىنىڭ 10 ـ نۆۋەتلىك دولان يېمەك ـ ئىچمەك مەدەنىيەت-ساياھەت بايرىمى مەدەنىيەت ـ ساياھەت كەچلىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت نەق مەيدانىدىكى شىر ئويۇنى، كۈسەن ئۇسسۇلى، دېھقانلار رەسىملىرى كۆرگەزمىسى، خاس قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش قاتارلىق تۈرلەر نۇرغۇن ساياھەتچىنى كېلىپ تاماشا قىلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. 

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش