5-ئايدا، شىنجاڭ سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ گۇچۇڭ ناھىيەسىگە كەلسىڭىز، يىڭبىن يولىنىڭ ئىككى قاسنىقىدا ئازغان گۈللىرىنىڭ پورەكلەپ ئېچىلىپ كەتكەنلىكىنى، ياپيېشىل شاخ-يوپۇرماقلار بىلەن ئاق سېرىق گۈللەر بىرلىشىپ ئاجايىپ گۈزەل تۈسكە كىرگەنلىكىنى كۆرىسىز.
ئازغان جۇڭگودىن چىقىدىغان يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال، ئازغان ئۇرۇقدىشىدىكى بىر قىسىم ئۆسۈملۈكلەر ئومۇملاشتۇرۇلۇپ ئازغان، دەپ ئاتىلىدۇ، گۈلىمۇ ئازغان، دېيىلىدىغان بولۇپ، قىزىل، ئاق، سېرىق قاتارلىق رەڭلەردە، خۇش پۇرىقى كۈچلۈك. ئازغاننى تاماشا قىلىشقىمۇ، دورا ئورنىدا ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ، ئۇنىڭدىن ياسالغان ئەتىرگۈل ئۇمىچى ياخشى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە.
(ئاپتور: گۇچۇڭ ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن)
«ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى