4-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۇ قۇشلىرى موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەرۋاز قىلماقتا. (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى باھاردا قايتىپ كەلگەن توپ-توپ پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى، سۇلۇق يەردە پەسىل قۇشلىرى قانات قېقىپ پەرۋاز قىلاتتى ياكى دەريادا ئۈزۈپ يۈرەتتى، كەچكى شەپەقتە قۇشلارنىڭ سايراشلىرى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى. موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى پەسىل قۇشلىرىنىڭ كۆچۈشىدىكى مۇھىم ماكانىغا ئايلاندى. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، تېمپېراتۇرىنىڭ تەدرىجىي ئىللىشىغا ئەگىشىپ، زور تۈركۈم پەسىل قۇشلىرى موڭغۇلكۈرە ناھىيەسىنىڭ تېكەس دەرياسى سۇلۇق يېرىگە كېلىپ توختاپ ئوزۇقلۇق ئىزدەپ، كېيىنكى كۆچۈش سەپىرىگە تەييارلىق قىلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، موڭغۇلكۈرە ناھىيەسى سۇلۇق يەر بايلىقىنى قوغداشنى سىجىل زورايتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئۈنۈملۈك ياخشىلاپ، ئاق قۇ، قىزىل قاشقا تۇرنا، كۈل رەڭ تۇرنا، ياۋا غاز قاتارلىق زور بىر تۈركۈم پەسىل قۇشلىرىنى بۇ يەردە تۇرۇشقا جەلپ قىلدى.
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بارشا تېگېس فوتوسى
4-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۇ قۇشلىرى موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئوزۇق ئىزدىمەكتە.
4-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۇ قۇشلىرى موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا پەرۋاز قىلماقتا.
4-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۇ قۇشلىرى موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۈزۈپ يۈرمەكتە.
بوشلۇقتىن تارتىلغان موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى (4-ئاينىڭ 23-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
4-ئاينىڭ 23-كۈنى، سۇ قۇشلىرى موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.
بوشلۇقتىن تارتىلغان موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى (4-ئاينىڭ 23-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)
بوشلۇقتىن تارتىلغان موڭغۇلكۈرە سۇلۇق يەر باغچىسى (4-ئاينىڭ 23-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان)