دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

باھا تەڭشەلدى! 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ھەربىر ئادەم قېتىمغا 60 يۈەن ئېلىنىدۇ
مۇھەررىر:رەيھانگۈل قاسىم
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-05-01 17:26:59

    5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى (داخېكوۋ، ليەنخەي شىجيې قاتارلىق پۈتۈن رايون مەنزىرە نۇقتىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) كىرىش بېلىتىنىڭ باھاسى 60 يۈەن ئادەم قېتىمغا چۈشۈرۈلدى.

2021-يىلى 11-ئاينىڭ 20-كۈنى، توپ-توپ سۇ قۇشلىرى باغراش كۆلى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا.

نيەن لېي فوتوسى

    ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىنىڭ تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىلكىدىكى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بېلەت باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنزىرە رايونلىرىنىڭ ھەق ئېلىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى توغرىسىدىكى تەستىقى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەستىق» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. «تەستىق» يولغا قويۇلغاندىن كېيىن باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونىدىكى داخېكوۋ ۋە ليەنخەي شىجيېدىن ئىبارەت ئىككى مەنزىرە نۇقتىسىنىڭ ئەسلىدىكى جەمئىي 90 يۈەن ئادەم قېتىمغا سېلىشتۇرغاندا، تەخمىنەن %33 ئەتراپىدا تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەنزىرە رايونىنىڭ بېلەت باھاسى قېلىپلىشىدۇ، بۇ، «مەنزىرە رايونىدا پىرىنسىپ جەھەتتە بىر بېلەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇش» بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن.

    «تەستىق»تا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىگە ئاساسەن بالىلار، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر، ياشانغانلار، مېيىپلەر، ئارمىيەدە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ھەربىيلەر، ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش خادىملىرى، خەلق ساقچىلىرى قاتارلىق توپلارغا قارىتا بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىلىدۇ.

  

    باغراش كۆلى دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق تاتلىق سۇ كۆلى، ساياھەت بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، «شىسەيدىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامى بار. 2014-يىلى 5-ئايدا باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى دۆلەت 5A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونى بولۇپ باھالاندى.

ھەر يىلى باھاردا تۈرلۈك پەسىل قۇشلىرى توپ-توپ بولۇپ باغراش كۆلىدە ماكانلىشىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: باغراش ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

    باھاردىن باشلاپ، باغراش كۆلىدە ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسلىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

    باش باھارنىڭ ئالدى-كەينىدە باغراش كۆلىدە لەيلەپ تۇرغان مۇزلار ئېرىشكە باشلايدۇ، كۆل يۈزى قاشتېشىدەك پارقىراپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.

    بىر توپ ئاققوتان، كۆكقوتان بەزىدە كۆكتە پەرۋاز قىلىپ ئۈنلۈك ئاۋازدا سايرىسا، بەزىدە بىر-بىرىنى قوغلىشىپ ئوينىشىپ كۆل بويىدىكى قومۇشلۇقتا ئۇسسۇلغا چۈشىدۇ، بارچە قۇشلار ئىناق بىللە ياشاۋاتقان بۇ گۈزەل مەنزىرە بىر پارچە ئېكولوگىيەلىك يۆگىمە رەسىمىنى ھاسىل قىلىدۇ.

  بىر توپ قىزىل ئۆردەك باغراش ناھىيەسى تەۋەسىدىكى باغراش كۆلى سۇلۇق يېرى ئاسمىنىدا پەرۋاز قىلماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

سۇ قۇشى باغراش كۆلى جىنشاتەن مەنزىرە رايونىدىكى قومۇشلۇقتا تۇخۇم باسماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

    ياز پەسلىدە، كەڭ كەتكەن باغراش كۆلىنىڭ كۆپكۆك سۇ يۈزىدە دولقۇنلار جىمىرلاپ كۆزنى چاقنىتىدۇ، شامال چىققاندا سۇلار دولقۇنلاپ، بېلىقلار پىلتىڭلاپ، بىپايان دېڭىزغا، بوستانلىقتىكى بېلىق، گۈرۈچ ماكانىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

    شامال توختىغاندا، زۇمرەتتەك كۆل سۈيى كۆككە تۇتۇشۇپ خىيالىي دۇنياغا ئوخشاپ قالىدۇ.

باغراش كۆلىدىكى 10 مىڭ مو قومۇشلۇقنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى. (ماتېرىيال سۈرەت)

باغراش ناھىيەسى تاۋۇن جۆگۈن يېزىسىنىڭ كېرىم خار كەنتىدىن خوشۇت ناھىيەسى شىنتارا يېزىسىغىچە بولغان يېزا-كەنت تاشيولىنىڭ بوشلۇقتىن تارتىلغان سۈرىتى. (ماتېرىيال سۈرەت)  

  باغراش ناھىيەسى بۆلىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان باغراش كۆلى سۇلۇق يېرى مەنزىرىسى. (ماتېرىيال سۈرەت)

    كۈز پەسلىدىكى باغراش كۆلىنىڭ كۆل يۈزى ئەينەكتەك سۈزۈك بولۇپ، قومۇشلار قويۇق ئۆسۈپ، نېلۇپەرلەر «نازلىنىپ» تۇرىدۇ.

    يىراققا نەزەر سالسىڭىز، كۆل يۈزىدىكى ياپيېشىل نېلۇپەر يوپۇرماقلىرى بىر-بىرىگە تۇتىشىپ كەتكەن بولۇپ، پورەكلەپ ئېچىلغان نېلۇپەرلەرگە زىننەت قوشىدۇ، بېلىقچىلار قولۋاقلىرىنى ھەيدەپ كۆلگە پات-پات تور سېلىپ، مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمىدۇ.

بېلىقچىلار باغراش كۆلىدە تور يىغىپ بېلىق تۇتماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

  باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى. (ماتېرىيال سۈرەت)

  باغراش كۆلى زور تۈركۈمدىكى جەنۇبقا كۆچكەن پەسىل قۇشلىرىنى كۈتۈۋالدى. (ماتېرىيال سۈرەت)

ئاق قۇلار باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلىدىكى بەيلۇۋجوۋدا پەرۋاز قىلماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

  ئالتۇن كۈز پەسلىدە، باغراش ناھىيەسى باغراش كۆلى بويىدا، ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلۇق، كۆپكۆك كۆل سۈيى بىر-بىرى بىلەن گىرەلىشىپ ئىنتايىن گۈزەل تەبىئىي مەنزىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. (ماتېرىيال سۈرەت)

  قىش پەسلىدە، باغراش كۆلى قار-مۇزلار بىلەن قاپلىنىپ، ياز كۈنلىرىدىكى كۆز يەتكۈسىز مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ، يىراقتىن شاۋقۇن ئاۋازى ئاڭلىنىپ، كۆز ئالدىڭىزدا كۈمۈش لىباسقا ئورالغان ئۆزگىچە مەنزىرە نامايان بولىدۇ.

    كۆل يۈزىدىكى ئالتۇن رەڭلىك قومۇشلار ئادەتتىن تاشقىرى گۈزەللىشىپ، قومۇش پۆپۈكى، قومۇش يوپۇرمىقىدىكى قىروۋلار مەرۋايىتتەك يالتىراپ، يىراقتىن قارىماققا پورەكلەپ ئېچىلغان ئاق رەڭلىك مۇز گۈلىگە ئوخشاپ قالىدۇ-دە، ئاجايىپ ئۆزگىچە مەنزىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆل بويىدىكى چۆللۈكتە توپ-توپ ئاق بوغۇز بۆكەنلەر بەخىرامان ئوزۇق ئىزدەپ، جەرەن، ياۋا توشقان، تۈلكىلەر قەدىمىنى توختىتىپ يىراققا نەزەر سېلىپ، قىش پەسلىدىكى بىر گۈزەل مەنزىرىگە ئايلىنىدۇ.

  بىر ئاق بوغۇز بۆكەن ئورمانلىقتا چېپىپ يۈرمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

  بىر ئاق قوتان سۇدىن ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە. (ماتېرىيال سۈرەت)

  دېھقانلار باغراش كۆلىدىكى لوشياۋەندە چوڭ تىپتىكى ماشىنا بىلەن قومۇش ئورۇماقتا. (ماتېرىيال سۈرەت)

    يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا، باغراش كۆلى سۇلۇق يېرى ئېكولوگىيەسىنى قوغداش سالمىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ پەسىل قۇشلىرىنىڭ «بۇ يەردىن كەتكۈسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى»، سۇلۇق يەر، ئېگىز تاغ، چۆل-باياۋان، قۇملۇق قاتارلىق كۆپ خىل يەر شەكلى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئەۋزەل تەبىئىي شارائىت بىلەن تەمىنلىدى.

  بېلىقچىنىڭ كېمىسىدە ياڭرىدى ناخشا، ئۇچار غازلار ھەيرانلىقتا قالدى داڭ قېتىپ، سېرىق ئۆردەك غاقىلدىدى قومۇشلۇق ئارا، شەپەق ئاستا تاغ كەينىگە كەتمەكتە پېتىپ. باغراش كۆلىنىڭ تۆت پەسلى گۈزەللىكتە تەڭداشسىز بولۇپ، بۇ گۈزەللىكتىن مەست بولدىڭىزمۇ؟

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھارمەمەت ،جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش