4-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى زېكتى ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىدا پاكار تاغ يانباغرىدىكى ئوت-چۆپلەر يېشىللىشىپ، ئاتلار كىشنەشكەن، يىراقتىكى تاغ-قىيالار ئارىسىدا بۇلۇتلار ئۈزۈپ، تۇمانلار ئەگىپ يۈرگەنىدى. ئېگىز تاغ، ھەيۋەتلىك قىيالار ئارىسىدا ئۆرۈك دەرەخلىرى قويۇق ئورماندەك چوقچايغان، توپ-توپ ئۆرۈك چېچەكلىرى قىزىل بۇلۇتقا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، سېھىرلىك گۈزەل مەنزىرە كەبى كىشىنى مەستخۇش قىلاتتى.
(ئاپتور: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن)