دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى ھەممە كىشىنىڭ قىلىدىغان ئىشى بار بولدى بازاردا مال يېتەرلىك، باھا مۇقىم بولدى ماللارنىڭ توردىكى سېتىلىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى 1 ـ پەسىلدە ئاپتونوم رايونىمىز توردا ۋە تور سىرتىدا تەكلىپ قىلىشتا 260 مىڭ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى بۇ يەرگە قاراڭ، سىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ... ۋىلايىتىمىز دەريا، كۆل ئېكولوگىيەسىنى «گۈزەللەشتۈرۈش كۇنۇپكىسى»نى باستى ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىپ، ھاياتلىق، ساغلاملىققا كاپالەتلىك قىلايلى 1 ـ پەسىلدە ۋىلايىتىمىزنىڭ شەھەر ـ بازارلىرىدا 7518 كىشى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتى C6 ھەيدەش كىنىشكىسى كەلدى | سۆرەلمە ئۆي ئاپتوموبىلى بىلەن ساياھەتكە چىقايلى ۋىلايەت بويىچە تۇنجى شەخسىيلەر ئورمان ھوقۇقى كىنىشكىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلدى باقمىچىلىق قىغ ـ بۇلغىمىلىرىنىڭ غەيرىي پۇرىقى پۇقرالارغا دەخلى يەتكۈزدى ئالاقىدار تارماقلار دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزەتتى

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > سۈرەت

«گۈلپەرى»گە ئەگىشىپ كۈركۈمگۈل دېڭىزىنى ساياھەت قىلىپ كېلەيلى
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:تىيانشان تورىۋاقتى:2022-04-26 18:50:38

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ شياۋمى) ۋۇجياچۈدە كۈركۈمگۈل ئېچىلدى! بۇ يىل چىڭگېداخۇ ساياھەت مەنزىرە رايونىدا جەمئىي 120 خىل سورتلۇق 3 مىليون 800 مىڭ تۈپ كۈركۈمگۈل بار بولۇپ، بۇ مەنزىرە رايوندا كۈركۈمگۈل ئۆستۈرۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ كۆپ بولغان بىر يىل ھېسابلىنىدۇ. 17- نۆۋەتلىك كۈركۈمگۈل مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى 4- ئاينىڭ 27- كۈنى باشلىنىدۇ، گۈل دېڭىزى، لۇداۋ باغچىسى، ھالرەڭ دىنازاۋۇر كۆرگەزمىسى قاتارلىق ئالتە يارقىن نۇقتا بار، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تۆت يۈرۈش بىر كۈنلۈك گۈل سەيلىسى ساياھەت لىنىيەسى تەسىس قىلىندى.



  نۆۋەتتە، %60 ئەتراپىدىكى كۈركۈمگۈل ئېچىلىپ بولدى.

ليۇ زىخەن فوتوسى

  بۇنى مۇخبىر 4- ئاينىڭ 23- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن «ۋۇجياچۈدە <كۈركۈمگۈل> بىلەن ئۇچرىشىش، <خۇشپۇراق>قا ھەمراھ بولۇپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىش» 17- نۆۋەتلىك كۈركۈمگۈل مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنى تونۇشتۇرۇش يىغىنىدىن ئىگىلىگەن.

  مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى پائالىيىتى ئۇچۇرى ۋە ساياھەت كوپىراتىپلىرىغا نەپ يەتكۈزۈش ھەم مۇكاپاتلاش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلغاندىن باشقا، تونۇشتۇرۇش يىغىنىدا يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك «ئەڭ گۈزەل گۈلپەرى» 1-،2-، 3- دەرىجىلىك گۇۋاھنامىسى تارقىتىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك كۈركۈمگۈل مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمىغا 120 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، مەنزىرە رايونىنىڭ ئۇل ئەسلىھەسى، مەنزىرە رايونىنىڭ سۈپىتى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى ۋە ئۆزگەرتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۈركۈمگۈلنىڭ كۆلىمى، سورتى، ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلدى، كۈركۈمگۈلنىڭ تېرىقچىلىق كۆلىمى، سورتى، تېرىقچىلىق شەكلى، شۇنداقلا باغچە رايونىدىكى ئويناش، ھېس قىلىش، سەيلە قىلىش تۈرى ئالدىنقى 16 نۆۋەتلىك بىلەن ئوخشىمىدى. نۆۋەتتە باغچە رايونىدىكى %60 كۈركۈمگۈل ئېچىلىپ بولدى، مۆلچەرلىنىشىچە، «1-ماي» بايرىمى مەزگىلىدە ئوموميۈزلۈك ئېچىۋېتىلىدىكەن، ھاۋارايى قاتارلىق ئەھۋاللارغا ئاساسەن، گۈل ئېچىلىش مەزگىلى 5- ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ۋە ئاخىرىغىچە بولىدىكەن.

ھەر خىل رەڭلىك كۈركۈمگۈل گۈزەل گۈل دېڭىزىنى شەكىللەندۈردى.

ليۇ زىخەن فوتوسى

  بۇ يىل يېڭىدىن لۇداۋ باغچىسى ھەمتۈرتكە رايونى، بېرىشقا تېگىشلىك ھال رەڭ دىنازاۋۇر رايونى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش شادلىق باغچىسى، باش تېمىلىق خەنفۇ كۇەيشەن، كىچىك ئەرمەكلەر كۆرگەزمىسى، ئەڭ گۈزەل گۈلپەرى باغچىسى قاتارلىق پائالىيەتلەر كۆپەيتىلدى. شىنجاڭ جۇڭغار مەدەنىيەت- ساياھەت چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى يۈەن شىجۈن مۇنداق دېدى: «فوتو سۈرەت ئېكسكۇرسىيە ئاساسىدا، ئاتا- بالا، تەتقىقات- ئۆگىنىش قاتارلىق مەزمۇنلار قوشۇلۇپ، ساياھەتچىلەرنىڭ گۈل سەيلىسى مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلدى.» بۇنىڭدىن باشقا، يەنە كۈركۈمگۈل بىلەن قۇملۇق مەنزىرە رايونى، شاپتۇللۇق، ئارىشاڭ قاتارلىق ساياھەت بايلىقى بىرلەشتۈرۈلۈپ، قىزىل رەڭلىك ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بويىچە «كۈركۈمگۈل» بىلەن ئۇچرىشىش بىر كۈنلۈك ساياھىتى، «كۈركۈمگۈل» قۇملۇق باھار مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلىنىش بىر كۈنلۈك ساياھىتى، «1- ماي» رەڭدار بىر كۈنلۈك ساياھىتى، كۈركۈمگۈل ــــ ۋۇجياڭ ئارىشىڭى بىر كۈنلۈك ساياھىتى قاتارلىق تۆت ساياھەت لىنىيەسى ئېچىلدى.

  ئۈچ نەپەر «ئەڭ گۈزەل گۈلپەرى» توردا تىزىملىتىش، توردا بېلەت تاشلاش، تور سىرتىدا باھالاش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە 600گە يېقىن ماھىر ئارىسىدىن ئۇزۇپ چىقتى.

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابلىكىم شەمشى
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش