ئاپتور: چېن گۇڭچىڭ
شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى غۇلجا شەھىرىگە جايلاشقان ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ دەريا ۋادىسى كەڭ، سۇ يوللىرى گىرەلىشىپ كەتكەن، قومۇش، يېكەن قاتارلىق سۇ ئۆسۈملۈكلىرى تۈركۈمىنىڭ تۈرى ھەر خىل، تارقىلىشى مەركەزلىك بولۇپ، دەريا ۋادىسىدىكى ئىككىلەمچى ئورمان يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى ياخشى قوغدالغان، ئەسلىي ئېكولوگىيەلىك سۇلۇق يەر ئالاھىدىلىكى روشەن.
ياز پەسلىدە، غۇلجىدىكى ئىلى دەرياسى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا نەزەر سالغاندا، بىر پارچە يېشىللىق كىشىنى زوقلاندۇرىدۇ.