ئاپتولار: لى پېڭجۈ، پەزىلىيە تۇرغۇن
6-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ خوشۇت ناھىيەسىدىكى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىگە ئون كىلومېتىر كېلىدىغان بەيگويۈەندە، مەي باغلاپ پىشقان ئۈجمىلەر پارقىراپ تۇراتتى.
قاقاسلىقتا بىنا قىلىنغان بەيگويۈەن خوشۇت ناھىيەسىنىڭ كۆچەت بازىسى بولۇپ، كۆلىمى 2800 مو كېلىدۇ، ئۈجمە، ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالۇچا، ئۈزۈم، ياڭاق، چىلان كۆچەتلىرى تىكىلگەن. 2014-يىلى بۇ كۆچەت بازىسى ئاق ئۈجمە، دورىلىق ئۈجمە، سۆسۈن ئۈجمە، قارا ئۈجمە قاتارلىق ئۈجمە سورتلىرىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ھازىر ئۈجمە دەرەخلىرىنىڭ ھەممىسى مېۋىگە كىردى.