دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە تەكشۈرۈپ چىقىلغان «تۈگۈنچە» چوقۇم راك كېسىلىگە تەرەققىي قىلامدۇ؟
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-07 17:07:28

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نۇرغۇن كىشى سالامەتلىك تەكشۈرتكەندە «تۈگۈنچە» بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلدى، بىر قىسىم كىشىلەر بۇنىڭدىن ئەنسىرەپ، راك كېسىلىگە ئۆزگىرىش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلدى. تۈگۈنچە دېگەن زادى نېمە؟ تۈگۈنچە چوقۇم راك كېسىلىگە تەرەققىي قىلامدۇ؟ تۈگۈنچە پەيدا بولۇشنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەك؟ مۇخبىر بۇ ھەقتە زىيارەت قىلدى.

 تۈگۈنچە بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى ئۆرلەشكە قاراپ يۈزلەندى

سەنشى ئۆلكىسى تەييۈەن شەھىرى ئاھالىسى بەي ئەپەندى يېقىندا بىر قېتىم سالامەتلىك تەكشۈرتتى، سالامەتلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىدا قالقانسىمان بەزدە تۈگۈنچە بارلىقى كۆرسىتىلدى. «بىردىنلا گاڭگىراپ قالدىم، تۈگۈنچىنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيتتىم.» بەي ئەپەندى ئەتراپىدىكىلەردىن سوراپ باقتى، بەزىلەر «تۈگۈنچە بولسا چوڭ ئىش يوق، ئون ئادەمنىڭ سەككىزىدە تۈگۈنچە بار»، دېسە، يەنە بەزىلەر «دىققەت قىلمىسىڭىز تۈگۈنچە راك كېسىلىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ، دەرھال ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالدۇرۋېتىش كېرەك»، دېدى. «نەچچە كۈن ئەنسىرەپ، دوختۇرخانىغا بېرىپ نومۇر ئېلىپ سوراپ باقماقچى بولدۇم.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەي ئەپەندىگە ئوخشاش تۈگۈنچە بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىلغانلار ئاز ئەمەس. يېقىندا، مېينيەن ساغلاملىق گۇرۇھى ئۆزىنىڭ 2022- يىللىق سالامەتلىك تەكشۈرۈش چوڭ سانلىق مەلۇماتى كۆك تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى، ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆپكىدە تۈگۈنچە بايقىلىش نىسبىتى %54كە، قالقانسىمان بەزدە تۈگۈنچە بايقىلىش نىسبىتى %47كە، ئاياللارنىڭ سۈت بېزىدە تۈگۈنچە بايقىلىش نىسبىتى %31.5كە يەتكەن. ئەيكاڭ گۇرۇھىنىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى سالامەتلىك تەكشۈرتكۈچىلەرنىڭ ساغلاملىقى توغرىسىدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2019- يىلىدىكى نۇسخىدىن 2023- يىلىدىكى نۇسخىسىغىچە بولغان دوكلاتتا، سۈت بېزىدە تۈگۈنچە تەكشۈرۈلۈپ چىقىش نىسبىتى %12.77 ئاشقان.

مۇخبىر نۇرغۇن مۇتەخەسسىسنى زىيارەت قىلىپ مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دوكلاتىدىكى «تۈگۈنچە» كېسەللىك نامى ئەمەس، بەلكى بىر خىل تەسۋىر ئىلمىدىكى تەسۋىرىي ئاتالغۇ بولۇپ، پەقەت تەسۋىر ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئارقىلىق بەدەندە «مونەكچە»نىڭ كۆرۈلگەنلىكىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، توقۇلمىلارنىڭ ئۆسۈشى، ياللۇغلىنىشى، ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئۆسمە قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى «مونەكچە»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان تۈگۈنچە بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتى ھەقىقەتەن ئۆرلەۋاتىدۇ، لېكىن بۇ ھادىسىنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك سەۋەبى بار.

«ھازىر تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تېزلىشىشى، تۇرمۇش بېسىمىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، بىر قىسىم كىشىلەردە كەچ يېتىپ ۋاخ تۇرۇش، زىيادە كۆپ يەپ- ئىچىش، ھەرىكەت يېتەرلىك بولماسلىق، ياخشى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىق ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئۇسۇلى شەكىللەندى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياشانغانلار كۆپىيىش ئامىلى بىر قىسىم تۈگۈنچە ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتىنى داۋاملىق ئۆرلىتىۋەتتى.» دېدى جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سۈت بېزى تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سەنشى دوختۇرخانىسى سۈت بېزى تاشقى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى چى لىچياڭ.

ئاممىنىڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئېڭىنىڭ كۈچىيىشىمۇ تۈگۈنچە بارلىقىنى تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشىدىكى مۇھىم سەۋەب. چى لىچياڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسىدە روشەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلگەندە ئاندىن دوختۇرغا كۆرۈنەتتى، ھازىر ساغلاملىق ئېڭىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە راك كېسىلىنى بالدۇر ئىلغاشقا ئاكتىپ قاتناشتى، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ كېسەللىك دەسلەپكى مەزگىلدە بايقالدى.

بۇنىڭدىن باشقا، تەكشۈرۈپ چىقىش نىسبىتىنىڭ ئۆسۈشى يەنە تەكشۈرۈش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سەنشى دوختۇرخانىسى كۆكرەك تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ليەن جيەنخۇڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان B ,CT چاۋ قاتارلىق تەكشۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى كۈنسېرى ئۆرلەپ، دوختۇرلارنىڭ تەجرىبىسىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشقاچقا، تېخىمۇ كىچىك تۈگۈنچىلەرمۇ تەكشۈرۈپ چىقىلغان.

تۈگۈنچە چوقۇم راك كېسىلىگە تەرەققىي قىلامدۇ؟

نۇرغۇن كىشى تۈگۈنچىنى بايقىغاندىن كېيىن راك كېسىلىگە بىرلەشتۈرۈپ ئويلايدۇ، ئۇنداقتا تۈگۈنچە چوقۇم راك كېسىلىگە تەرەققىي قىلامدۇ؟ زىيارەتنى قوبۇل قىلغان نۇرغۇن مۇتەخەسسىسنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، پەقەت ئىنتايىن ئاز ساندىكى تۈگۈنچىگە راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلىدىكەن، مۇتلەق كۆپ ھاللاردا زىيادە ئەندىشە قىلىش ھاجەتسىز ئىكەن. بىر خىل قاراشتىكىلەر، كۆپىنچە ئەھۋالدا، تۈگۈنچە بىلەن راك كېسىلى ئارىسىدىكى ئارىلىق خۇددى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇش ياكى بېيجىڭ داشۆسىدە ئوقۇش»نى ئويلاشقىنىغا ئوخشاش چوڭ.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۆرەك، جىگەر، تۇخۇمدان، بالىياتقۇنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى ئەزالاردا تۈگۈنچە بايقىلىشى مۇمكىن ئىكەن، لېكىن ئەمەلىي تەكشۈرۈشتە قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى، سۈت بېزى تۈگۈنچىسى، ئۆپكە تۈگۈنچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈگۈنچە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىكەن.

جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى باش- بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئۆسمە كېسەللىكلىرى دوختۇرخانىسى سەنشى دوختۇرخانىسى باش- بويۇن تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى لى دېجى مۇنداق دېدى: كىلىنىكىلىق ئەمەلىي ئەھۋالدىن قارىغاندا، B چاۋدا تەكشۈرگەندە %20 - %30 ئادەمدە چوڭ- كىچىك قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلىشى مۇمكىن، تۈگۈنچە بارلىقى تەكشۈرۈپ چىقىلغان بۇ كىشىلەر توپى ئارىسىدا، ئەڭ ئاخىرىدا راك كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلۇش نىسبىتى %2 - %4 بولۇشى مۇمكىن، «ئەگەر دەسلەپتە ياخشى سۈپەتلىك تۈگۈنچە دەپ دىياگنوز قويۇلغان بولسا، ئەڭ ئاخىرىدا يامان سۈپەتلىك تۈگۈنچىگە ئايلىنىش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، ئادەتتە بەك ئەنسىرەپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.»

چى لىچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت راك كېسىلى مەركىزىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، 2020- يىلى دۆلىتىمىزدە يېڭىدىن سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولغانلار سانى تەخمىنەن 420 مىڭغا يەتكەن، سۈت بېزى تۈگۈنچىسى بارلىقىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى تولۇق ئىستاتىستىكا قىلغىلى بولمايدۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتىن قارىغاندا تۈگۈنچە بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان ئاغرىقلارغا ئەڭ ئاخىرىدا راك دەپ دىياگنوز قويۇلۇش نىسبىتى ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، 100 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرى چىقىشى ياكى بىرگە يەتمەسلىكى مۇمكىن. «گەرچە سۈت بېزى راكى يەر شارى بويىچە بىرىنچى چوڭ راكقا ئايلانغان بولسىمۇ، لېكىن گىرىپتار بولۇش نىسبىتى يەنىلا 100 مىڭ ئىچىدە پەقەت ئون نەچچە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېھتىماللىقى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، بەك قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.»

ليەن جيەنخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەكشۈرۈشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ ئۆپكە تۈگۈنچىسى كىچىك ۋاقتىدىلا بايقالدى، ھەممىسى بىر قەدەر دەسلەپكى مەزگىل بولۇپ، بەك جىددىيلىشىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئادەتتە 8 مىللىمېتىردىن كىچىك تۈگۈنچىلەرنى ئىز قوغلاپ كۆزىتىش ئاساس قىلىنىدۇ، ئەگەر چوڭ- كىچىكلىكى ياكى تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولسا ئاندىن بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. «ھازىر ئامبولاتورىيەدە، مېنىڭ ئاغرىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرماسلىققا نەسىھەت قىلغان ۋاقتىم ئاغرىقلارنى ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا نەسىھەت قىلغان ۋاقتىمدىن كۆپ، ئەمەلىيەتتە تۈگۈنچىنىڭ راكقا تەرەققىي قىلىش نىسبىتى يەنىلا ناھايىتى تۆۋەن، تۈگۈنچە بارلىقىنى ئاڭلاپلا قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى يوق.»

تۈگۈنچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، توغرا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ئاچقۇچ

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇ كۆپ يۈز بېرىدىغان، ياشلارغا يۈزلەنگەن بولغاچقا، تۈگۈنچە ئارقا- ئارقىدىن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى قىزىق تىزىملىكىگە چىقتى، نۇرغۇن كىشى كەيپىياتنىڭ تۈگۈنچىگە بولغان تەسىرىگە دىققەت قىلدى، بىر قىسىم تورداشلار سۆز قالدۇرۇپ: «باشقىلار خاپا بولسا مەن خاپا بولمايمەن، خاپا بولۇپ تۈگۈنچە پەيدا بولسا، دەردىنى ھېچكىم تارتىشىپ بېرەلمەيدۇ»، دەپ كىنايە قىلغان.

مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، تۈگۈنچىنىڭ پەيدا بولۇش مېخانىزمى ھازىرچە تېخى ئېنىق ئەمەسكەن، نۇرغۇن تۈگۈنچە ۋە يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئىرسىيەت، ھورمۇن سەۋىيەسى، يېمەك- ئىچمەك، تۇرمۇش ئادىتى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىكەن. نۇرغۇن مۇتەخەسسىس ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. «تۇرمۇش قانۇنىيەتلىك بولۇش، ئۇيقۇغا ئەھمىيەت بېرىش، ئىلمىي ئوزۇقلىنىش، تاماكا تاشلاش، ھاراق ئىچمەسلىك، كۆپرەك چېنىقىش، بەدەن ۋە پىسخىكىنى بىر قەدەر ساغلام ھالەتتە ساقلاش كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلى.» دېدى ليەن جيەنخۇڭ.

قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش دەسلەپكى مەزگىلدىكى يوشۇرۇن كېسەللىكلەرنى ۋاقتىدا بايقاشقا پايدىلىق بولۇپ، بالدۇر تەدبىر قوللىنىشقا پۇرسەت بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق تەكلىپ بەردى: 45 ياشتىن ئاشقان قۇرامىغا يەتكەنلەر ئۆپكىسىنى ھەر يىلى بىر قېتىم CTدا تەكشۈرتۈشى، ئەڭ ياخشىسى نېپىز قەۋەتلىك CTدا تەسۋىر چۈشۈرۈشى كېرەك؛ 40 ياشتىن ئاشقان ئاياللار سۈت بېزىنى ھەر يىلى بىر قېتىم سەيچاۋدا تەكشۈرتۈشى، سۈت بېزىنى ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم  مولىبدېن نىشانلىق تەكشۈرتۈشى كېرەك؛ ئادەتتىكى كىشىلەر، ئەڭ ياخشىسى، قالقانسىمان بەزنى يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتۈشى كېرەك.

تۈگۈنچە ۋە ئۆسمىنى كەسپىي خادىملارنىڭ داۋالىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك. لى دېجى قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە تۈگۈنچە بايقالسا، ئالدى بىلەن بىر كەسپىي دوختۇرنى تېپىپ، دوختۇرنى تۈگۈنچىنىڭ ياخشى سۈپەتلىك ياكى يامان سۈپەتلىك ئىكەنلىكىگە، قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەكلىكىگە ھۆكۈم قىلدۇرۇش، «كۆزىتىشكە تېگىشلىكلىرىنى كۆزىتىش، ئوپېراتسىيە قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش»، كەسپىي يېتەكچىلىك ئاستىدا مۇناسىپ داۋالاشنى قانات يايدۇرۇش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش