دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

دىيابېت ئاغرىقلىرى قانداق غىزالانسا قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلالايدۇ؟
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-06 18:10:21

دىيابېت تۇرمۇشتا دائىم كۆرۈلىدىغان سوزۇلما كېسەل. 2020- يىلى 4- ئايدا، جۇڭگو تەتقىقات كوللېكتىپى خەلقئارادىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك تېببىي ژۇرنال BMJدا جۇڭگونىڭ دىيابېتنى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى ماقالىسىنى ئېلان قىلدى، تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا دىيابېت كېسەللىكى جەمئىيىتى (ADA)نىڭ دىياگنوز ئۆلچىمىگە ئاساسلانغاندا، جۇڭگودىكى قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ دىيابېتقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى %12.8، دىيابېتقا گىرىپتار بولغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى تەخمىنەن 129 مىليون 800 مىڭ (ئەرلەر 70 مىليون 400 مىڭ، ئاياللارنىڭ 59 مىليون 400 مىڭ)؛ دىيابېتنىڭ ئالدىنقى مەزگىلىدە كېسەل بولۇش نىسبىتى %35.2 ئىكەن.

دېمەك، جۇڭگودا نۆۋەتتە قۇرامىغا يەتكەن تەخمىنەن 10 ئادەمنىڭ ئىچىدە بىر دىيابېت ئاغرىقى بار ئىكەن. ئەتراپىمىزدا دىيابېت ئاغرىقلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋېتىپتۇ.

ئەمەلىيەتتە، دىيابېتقا گىرىپتار بولۇش قورقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى قان شېكىرىنى ياخشى كونترول قىلالماسلىق، كېسەللىك ئەھۋالىنى بارغانسېرى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش، ھەتتا دىيابېتنىڭ ئەگەشمە كېسەللىكلىرى پەيدا بولۇش. دىيابېت ئاغرىقلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاماقنى توغرا يېيىش قان شېكىرىنى كونترول قىلىشنىڭ ئاچقۇچى بولۇپ، كونترول قىلىشنىڭ ياخشى- يامان بولۇشى كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ.

دىئابېت ئاغرىقلىرى ناشتا قىلمىسا ياكى كەچلىك تاماق يېمىسە بولمايدۇ

دىيابېت ئاغرىقلىرى بىر كۈندە ئۈچ ۋاق تاماقنى نورمال يېيىشكە كاپالەتلىك قىلىشى، ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنىڭ تەڭپۇڭ بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. (جېڭجوۋ داشۆ قارىمىقىدىكى جېڭجوۋ مەركىزىي دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

بەزى ئاغرىقلار كېسەل بولۇپ قالسا تاماقنى ئاز يېيىشى كېرەك، بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق ئىچىدە بىر ۋاق تاماق (ناشتىلىق ياكى كەچلىك تاماق)نى يېمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئۇسۇل توغرا ئەمەس.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر دىيابېت ئاغرىقلىرى ئۈچ ۋاق تاماق ئىچىدىكى مەلۇم بىر ۋاق تاماقنى يېمىسە، ئۇنداقتا ئاچلىق تۇيغۇسى يىغىلىپ، كېيىنكى ۋاق تاماقتا تاماق مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ كېتىش ئەھۋالى كېلىپ چىقىپ، ئەكسىچە سېمىزلىك يۈز بېرىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، بۇ تاماقتىن كېيىنكى قان شېكىرى سەۋىيەسىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز.

شۇڭا، دىيابېت ئاغرىقلىرىغا ماس كېلىدىغان يېمەك- ئىچمەك شەكلى جەھەتتە، ئالدى بىلەن ھەر ۋاقلىق تاماقنى %70 تويغۇچە يېسىلا بولىدۇ. يەنە ئىككى ۋاق تاماق ئارىلىقىدا تاماق يېيىش، مەسىلەن، خۇڭشۇ، سۆسۈن ياڭيۇ، يېڭى مېۋە قاتارلىقلارنى يەپ بەرسە، ئاچلىق تۇيغۇسىنى كېچىكتۈرۈپ، چۈشلۈك تاماق مىقدارىنى ئازايتقىلى بولىدۇ، بۇ قان شېكىرىنى كونترول قىلىشقا پايدىلىق.

دىيابېت ئاغرىقلىرى مايلىق گۆش يېمەسلىكى، قارا گۆش يېيىشى، دائىم ئازراق چوڭقۇر دېڭىز بېلىقى يەپ بېرىشى كېرەك

دىيابېت ئاغرىقلىرى گۆشنى كۆپ يېيىش ۋە مايلىق گۆشنى كۆپ يېيىشتىن ساقلىنىشى كېرەك (جېڭجوۋ داشۆ قارىمىقىدىكى جېڭجوۋ مەركىزىي دوختۇرخانىسى)

يەنە بىر قىسىم كىشىلەر دىيابېتقا گىرىپتار بولغاندىن كېيىن، كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىشىدىن، ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئىنتايىن قورقىدۇ، شۇڭا گۆش يېمەيدۇ ياكى ھەر كۈنى سۇدا پىشۇرۇلغان كۆكتاتنىلا يەيدۇ.

مۇتەخەسىسلەر تاماقتىن ئۆزىنى تارتىشتەك بۇنداق ئۇسۇلىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى. چۈنكى، گۆش جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ غىزالىنىش كۆرسەتمىسىدە كىشىلەر يېيىشكە تېگىشلىك يېمەكلىك بولۇپ، دىيابېت ئاغرىقلىرىمۇ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.

پەقەت بۇنداق كېسەللىك ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، كۆپ مىقداردا گۆش يېيىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولۇپمۇ مايلىق گۆش، بۇنداق گۆشنىڭ ماي، ئىسسىقلىق مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولۇپ، بىر كۈندە ئەگەر 75 گىرامدىن ئېشىپ كەتسە، دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىنى كونترول قىلىشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئاسانلا بۇ كېسەللىك ئاساسىدا قان تەركىبىدە ماي كۆپىيىپ كېتىدۇ.

دىيابېت ئاغرىقلىرى گۆش يېگەندە مايلىق گۆش يېمەسلىكى، قارا گۆش يېيىشى، ھەر ھەپتىدە يەنە ئازراق چوڭقۇر دېڭىز بېلىقىنى يەپ بېرىشى كېرەك. چوڭقۇر دېڭىز بېلىق گۆشىدە تويۇنمىغان ياغ كىسلاتاسى بىرقەدەر كۆپ بولۇپ، دىيابېت ئاغرىقلىرىنىڭ يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا، قىشتا تۇيۇقسىز يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى پەيدا بولۇش خەۋپىدىن ساقلىنىشىغا پايدىلىق.

دىئابېت ئاغرىقلىرى تاماق يېگەندە بىرىنچى كاپام تاماققا ئالاھىدە دىققەت قىلىشى كېرەك

دىيابېت ئاغرىقلىرى تاماق يېگەندە بىرىنچى كاپامدا ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن كۆكتات يېيىشى كېرەك (جېڭجوۋ داشۆ قارىمىقىدىكى جېڭجوۋ مەركىزىي دوختۇرخانىسى تەمىنلىگەن سۈرەت)

تاماق ئۈستىلىدە گۆش ۋە كۆكتات بولسا، بەلكىم كۆپ ساندىكى كىشى ئاۋۋال بىر چىشلەم گۆش يېيىشى مۇمكىن، لېكىن دىيابېت ئاغرىقلىرى ئاۋۋال كۆكتات يېيىشكە تېخىمۇ ماس كېلىدۇ. يېشىل يوپۇرماقلىق كۆكتات ياكى دۇفۇ، زەمبۇرۇغ، موگۇ تۈرىدىكى كۆكتاتلارنىڭ تەركىبىدە مول يېمەكلىك تالاسى بار.

دىيابېت ئاغرىقلىرى قورسىقى ئاچقانلىقىنى ھېس قىلغان ئەھۋالدا، بۇنداق يېمەكلىكلەرنى يېسە ئىشتىھانى مەلۇم دەرىجىدە تىزگىنلەپ، چۈشلۈك تاماقتا ئىستېمال قىلىنىدىغان ئومۇمىي ئىسسىقلىق مىقدارىنى كونترول قىلالايدۇ، بۇنداق بولغاندا بىر ۋاق تاماقتىن كېيىن قان شېكىرى سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش