دەل ۋاقتىدا يەتكۈزۈش پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مالىيە خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى شىنجاڭ 24 مەخسۇس تۈر پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ بىر ناندىن بىر يۈەن تاپقان شىنجاڭلىق يىگىت ئانا مەكتىپىگە 1 مىليون يۈەن ئىئانە قىلدى شىخو شەھىرىدە 4.1 بال يەر تەۋرىدى، كۈيتۈن، جىڭ، كورلا قاتارلىق جايلاردا تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلدى  بۇلتۇر شىنجاڭدا 148 تۈرلۈك نۇقتىلىق ئىسلاھات ۋەزىپىسى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى ئاپتونوم رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنى ئېچىلدى ئاقسۇ (جەنۇبىي شىنجاڭ) 2 ـ نۆۋەتلىك دورا بۇيۇملىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى كۆرگەزمىسى باشلاندى 1 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، ئاقسۇدىكى يەتتە يولۇچىلار پويىزىدا يېڭى ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئاقسۇ ئاخبارات تورى > تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى

ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى: ياشانغانلار تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە بۇ بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك
مۇھەررىر:ئېزىز سامساق
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتىۋاقتى:2023-12-06 18:04:36

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇڭ نىڭ) 11- ئاينىڭ 28- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزى مۇنداق ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ياشانغانلار تارقىلىشچان زۇكام يۇقۇش خەۋپى يۇقىرى كىشىلەر توپى، ۋاكسىنا ئەملەش چەكلەنمىگەن ياشانغانلارغا ۋاقتىدا تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملىتىش تەكلىپى بېرىلىدۇ.

 ياشانغانلار تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا دىققەت قىلىشى كېرەك:

 1. ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىغا بارغاندا كۈچكە ئىگە كىنىشكىنى ئېلىۋېلىش، ئالدىن كېلىشىپ قويۇش كېرەك؛             

 2. سوزۇلما كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار دوختۇردىن ئۆزىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ مۇقىم ياكى مۇقىم ئەمەسلىكى، ئىچكەن دورىسىنىڭ بەدەن ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ياكى كۆرسەتمەيدىغانلىقى توغرىسىدا مەسلىھەت سوراش كېرەك؛

 3. ئاچ قورساق ۋاكسىنا ئەملىتىشتىن ساقلىنىش، تارقىلىشچان زۇكام ۋاكسىنىسى ئەملەتكەندە چەكلەنگەن ئىشلارنى تولۇق چۈشىنىش، ۋاكسىنا ئەملىتىش ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولۇش ماقۇلنامىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇش ۋە ئەينەن تولدۇرۇش كېرەك؛

 4. ۋاكسىنا ئەملىتىپ بولغاندىن كېيىن ۋاكسىنا ئەملەش نۇقتىسىدا 30 مىنۇت كۆزىتىش كېرەك؛

 5. ۋاكسىنا ئەملەتكەن ئورۇننى پاكىز، قۇرغاق تۇتۇشقا دىققەت قىلىش، مۇۋاپىق ئارام ئېلىش، مايسىز غىزالىنىش، قاتتىق ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛

 6. ۋاكسىنا ئەملەتكەندىن كېيىن سالامەتلىك ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش، ئەگەر داۋاملىق قىزىش قاتارلىق بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ۋاكسىنا ئەملىگەن دوختۇردىن مەسلىھەت سوراش ھەم دوكلات قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.


مەسئۇل مۇھەررىر:ئابدۇسالام ئابلىز
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى:گۈلباھار مەمەت، جاۋ پېڭ

خەت ساندۇقى بىز توغرىسىدا ئېلان مۇلازىمىتى بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئىختىساسلىقلارنى قوبۇل قىلىش ساقلاش باش بەت قىلىش ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش